مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلار ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، شىنجاڭغا تۆھمەت چاپلىشىدىكى نىيىتى رەزىل، دېدى

2019.12.10 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش» قاتارلىق يالغان سۆزلەر بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە تۆھمەت قىلدى، شىنجاڭغا قارا چاپلىدى. شىنجاڭلىق دىنىي زاتلار بەس-بەستە قاتتىق غەزەپلىنىپ، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ئويۇنى ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشتەك رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، ئامېرىكىنىڭ سۇيىقەستى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەپ قارىدى.

  جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ

  «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ»، دېدى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدا ئەسەبىي ئىدىيە سىڭىپ كىرىپ، يامراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، كىشىلەر ھەر كۈنى جىددىيلىك، ۋەھىمە ئىچىدە ياشىدى. ھازىر، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  شىنجاڭ مەسىلىسى مىللەت، دىن، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى»، دېدى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا.

  شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدۇ

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى كومسومول بازىرى تۆۋەنكى جام كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەخمەت ئوسمان مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا قانۇن بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىپ، كۇرسانتلارنى ھەقسىز تەربىيەلەش − زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) كۆپ يۈز بېرىشنى، دىنىي ئەسەبىيلىك پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا كۇرسانتلارنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە قانۇن سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، مەن 40 نەچچە تۈركۈم چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالدىم، ئۇلار تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىش ئۇسۇلىغا بەس-بەستە يۇقىرى باھا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئالقىشلاپ، شىنجاڭنى ناھايىتى گۈزەل بولۇپلا قالماي ھەم بىخەتەر ئىكەن، دەپ قارىدى».

  شىنجاڭدا پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلمەكتە

  خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى چىنەباغ كوچا باشقارمىسى كوناشەھەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت مەمتىمىن: «بىزنىڭ بۇ يەر ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيدىن ئەمىن ئۆيگە، پاتقاق يولدىن ئاسفالت يولغا، ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇشتىن توكلۇق موتوسىكلىت، ماشىنىغا، كۆلدىكى سۇنى ئىچىشتىن تۇرۇبا سۈيى ئىچىشكە ئۆزگەردى»، مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلىك جەنۇبىي شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تېز ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، دېدى.

  مەمەت مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت يەنە مەسچىتكە مۇنچا، سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانا سېلىپ بەردى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى، ئاياغ قاپلاش ماشىنىسى قاتارلىق خەلققە قولايلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بەردى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بارغانسېرى بەخت تۇيغۇسىغا چۈمدى».

  شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باشلىقى كېرەم ئابلىز مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارىلىشىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست مەغلۇبىيەتلىك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ