لى كېچياڭ 8-قېتىملىق جۇڭگو-كورېيە-ياپونىيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.12.25 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چېڭدۇدا كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەن بىلەن بىرگە 8-قېتىملىق جۇڭگو-كورېيە-ياپونىيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو-كورېيە-ياپونىيە ھەمكارلىقى، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-كورېيە-ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. ئۈچ دۆلەت بىر-بىرىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ھەمراھلىرى بولۇپ، ئىقتىسادىي تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولدى. قىسمەن مەسىلە ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق پايدا ئېلىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى. 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو-كورېيە-ياپونىيەنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭ پۇرسەتلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، كەلگۈسى ئىنتايىن پارلاق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ