مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇنىۋېرسال خەۋەر: خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2019.12.09 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019- يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»گە قارىتا جۇڭگونىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىش، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قەستەن ھاقارەتلەش، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا قارا چاپلاشتەك قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلىدى، دەپ قارىدى.

  سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشكە كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئامېرىكىنىڭ «دائىملىق» قىلمىشىغا ئايلاندى. ئامېرىكىدەك بۇنداق دۆلەتنىڭ، يەنى يەرلىك ئىندىئانلارنى قۇرۇتۇش، ئافرىقىلىقلارنى قۇل قىلىش تارىخىغا ئىگە دۆلەتنىڭ، ئافغانىستان، ئىراق، سۈرىيە، لىۋىيە، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئىرق مەسىلىسى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئىشلىرى توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلەش سالاھىيىتى يوق.

  فىرانسىيەلىك جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سونىيە بۇزېلې شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە، شىنجاڭ كۆپ مىللەت تىنچلىقتا بىللە تۇرىدىغان جاي. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈردى. «كىشىلىك ھوقۇق» بولسا، پەقەت ئامېرىكا جامائەت پىكرىنى ئازدۇرىدىغان نىقاب.

  مىسىر دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىززات ساد ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى «بىر خىل قاقتى-سوقتى» قىلىشتۇر.

  ئافغانىستان «ئافغانىستان كۈندىلىك كۆزىتىش گېزىتى»نىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى خاجاتۇللا زىيا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، تېررورلۇق تەھدىتىنى تۈگىتىشكە ھوقۇقلۇق.

  كېنىيە ئامېرىكا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋى سىياسەت ئىلمى لېكتورى ستېفىن ئېندېگۋا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقتۇر. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا سەۋەبسىز ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك.

  ھىندىستان ئەقىل ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بانباڭ سۇريونو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسى پاكىتقا پۈتۈنلەي پەرۋا قىلماي، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق، ھەمدە زومىگەرلىك ۋە مۇداخىلىچىلىكنىڭ روشەن مىسالىدۇر. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتى بولسا، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقانلىق بولۇپ، ئۇ ئۈنۈملۈك بولغان، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك قىلىشقا ۋە كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ.

  رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مالىيە-پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى گېۋورگ مىرزوياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق ھالدا سىياسىي مۇددىئانى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، «كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلاشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ