مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەك بالدۇر پېنسىيەگە چىقىش چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىدۇ

2019.12.04 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىش جەمئىيەتتىكى بىر چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەك بالدۇر پېنسىيەگە چىقىش چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆزلىمە ئۆمرى مۇقىم رەۋىشتە ئاشتى. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە. بۇ ئىككى خىل يۈزلىنىش جۇڭگونىڭ ئەمدى ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇشىغا سەۋەبچى بولدى، كۈتۈنۈش پىلانىنى ياخشى تۈزۈش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجىدۇر. پېنسىيەگە چىقىش ۋە كۈتۈنۈش پاراۋانلىقى قاتارلىقلارنىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا نيۇيورك شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىنخامتون شۆبە مەكتىپىدىكى تەتقىقات ئۆمىكى جۇڭگونىڭ ساغلاملىق ۋە كۈتۈنۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردى ۋە يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلدى، ئالدىنقىسى جۇڭگودىكى 45 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭدا زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ بىلىش خاتىرىسى ۋە پىسخىك ساغلاملىق سەۋىيەسىنى سىناش مەقسەت قىلىنغان.

  سانلىق مەلۇمات تەھلىلىدە مۇنداق بىر روشەن يۈزلىنىش بايقالدى: ئوخشاش ياشتىكى سىناققا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، كۈتۈنۈش پۇلى ئالغۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى يەنىلا خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭكىدىن كۆپ تېز بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ روشەن بولغان ئاجىزلىشىش ئىپادىسى بولسا، ئەسلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكنى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئاياللار بەك بالدۇر پېنسىيەگە چىقسا، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىشىنى كەلدۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  تەتقىقات ئاپتورى، ئىقتىسادشۇناسلىق ياردەمچى پروفېسسورى پرامان نىكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تەتقىقات يەكۈنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىلگىرىكى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قارىغاندا، بۇ خىل يۈزلىنىش ئاسىيادىكىلەر بىلەنلا چەكلەنمىگەن. پېنسىيەگە چىقىش ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئۇيقۇ ھالىتىنى ياخشىلاش، بېسىم ۋە ھاراق ئىچىشنى ئازايتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كىشىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باشقا ئالاقىلىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن، ئۇنىڭدا بىر قەدەر زور سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار مەھەللىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىققانلارغا يىغىلىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ