خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇنەن شىنخۇاڭدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر دېلو ۋەقەلىكى، يەنى «بىگۇناھنىڭ جەسىتىنى گىمناستىكا مەيدانىغا چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش دېلوسى»غا چېتىشلىق جىنايى ۋەقەلىكلەر 16 يىلدىن كېيىن مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى ئاممىغا ئاشىكارىلىنىپ ئېلان قىلىندى. دېمەك، «بىگۇناھنىڭ جەسىتىنى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش»تەك بۇ خىل جىنايەتنىڭ سىرى ئاخىرى ئۈزۈل-كېسىل پاش قىلىنىپ ئاشكارىلاندى. بۇنىڭدا، دۇ شاۋپىڭ ۋە ئۇنىڭ جىنايەت شايكىلىرى چەمبىرىكى ئىچىدىكى 13 كىشى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنىپ ئەيىبلەشكە يوللاندى، ھەمدە مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق خۇاڭ بىڭسۇڭ قاتارلىق 19 ھۆكۈمەت خادىمى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆلگۈچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەسەللى تاپتى. بۇ دەل «تارتقۇلۇق جازا قۇتۇلغۇسىزدۇر، ئۇنىڭغا ھەققانىيەت ھامان ئۆزىنىڭ ئادىل كۈچىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن بۇ قەدىمىي تەلىمنىڭ يەنە بىر قېتىم دەلىللىنىشىدۇر.
ھەققانىيەت بەلكىم ئۆزىنى كېچىكىپرەك كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما ھەرگىز كۆرسەتمەي قالمايدۇ. شىنخۇاڭدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئۇ جىنايەت دېلوسى، يەنى «بىگۇناھنىڭ جەسىتىنى گىمناستىكا مەيدانىغا چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش دېلوسى»نىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى بولسا، ھەققانىيەتنىڭ رەزىللىك ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىدۇر، ھەمدە مۇشتۇمزورلار ۋە رەزىللەرنى تازىلاپ تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. "مۇشتۇمزور"لار بارلىكى جايدا ئۇنداقلارنى "قانات ئاستى"غا ئالىدىغان رەزىللەر چىقىپ تۇرىدۇ. 16 يىل ئىلگىرى، دۇ شاۋپىڭدىن ئىبارەت بۇ مۇشتۇمزور قەبىھلىك بىلەن بىگۇناھ كىشى دېڭ شىپىڭغا ئاداۋەت ساقلاپ ئۇنى قەستلەپ يۈرگەن، سەۋەبى دېڭ شىپىڭ ئۇ مەزگىللەردە مەكتەپكە ۋاكالىتەن قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدىغان بىر كىشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، دۇ شاۋپىڭ شۇ چاغدا لو گۇاڭجۇڭ بىلەن بىللە دېڭ شىپىڭنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى شىنخۇاڭ 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ گىمناستىكا مەيدانىدىكى بىر ئازگالغا كۆمۈۋەتكەن. دۇ شاۋپىڭنىڭ ئۇ قاتىللىق جىنايەت پاكىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، دۇ شاۋپىڭنىڭ تاغىسى ۋە شۇ چاغدىكى شىنخۇاڭ 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ بىڭسۇڭ كۆپ تەرەپكە ھاۋالە قىلىپ، ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۆزىگە تارتىپ ۋە ئۇلارنى چىرىكلىك يولىغا ھەيدەپ، دۇ شاۋپىڭغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بەرگەن ۋە «مۇناسىۋەت تورى»نى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كاشىلا پەيدا قىلىپ، دېلو تەكشۈرگۈچىلەرنى خاتا يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىپ، دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى16 يىلغا قەدەر يوشۇرۇپ قېلىپ، ئۇ دېلونىڭ «كۆمۈلۈپ قېلىشى»غا سەۋەبچى بولغان. بەزى جايلاردا، مۇشتۇمزورلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلالىشى، ھەتتا ئۇلارنىڭ چوڭ تەخسىكەشلىك قىلالىشىدىكى تۈپكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن ھاسىل قىلغان «مۇناسىۋەت تورى» بار، ئۇلارغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بېرىدىغان كىشىلەر بار. دېمەك، سەۋەب مۇشۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت خاراكتېر جەھەتتىن شۇ قەدەر قەبىھ، ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنچە ئېنىق تۇرۇقلۇق، «بىگۇناھنىڭ جەسىتىنى گىمناستىكا مەيدانىغا چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش دېلوسى» ئۈستىدىن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كۆپ يىللاردىن بېرى تەكرار-تەكرار ئەرز قىلىپمۇ ئۆز تەلەپلىرىنى دەيدىغان يولنى تاپالمىغانلىقنىڭ تۈگۈنى دەل مۇشۇ يەردە، يەنى «مۇناسىۋەت تورى» ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدا ئىدى.
شۇڭا، مۇشتۇمزورلارنى تازىلاشتا ئاشۇنداق رەزىل «كۈنلۈك»لەرنى چوقۇم يوق قىلىش كېرەك. مەيلى يۈننەندىكى سۈن شياۋگو دېلوسى بولسۇن ياكى خۇنەن شىنخۇاڭدىكى «بىگۇناھنىڭ جەسىتىنى گىمناستىكا مەيدانىغا چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش دېلوسى» بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، مۇشتۇمزورلار ۋە رەزىللەرنى تازىلاپ تۈگىتىشتە، ئۇ كۈرەشنى چوقۇم ئۇلارنىڭ «كۈنلۈك»لىرىنى يوق قىلىش، ئۇلارنىڭ «مۇناسىۋەت تورى»نى بىتچىت قىلىۋېتىش كۈرىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ئىكەن. پەقەت قانۇن بۇزغۇنچىلىرىنىڭ كۈچ ۋە ھوقۇقلىرىنى قەپەزگە سولاپ تىزگىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان قارا قوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىلا ئاندىن ئۇ مۇشتۇمزورلارنى ۋە رەزىللەرنى پاكىز تازىلاپ يوقاتقىلى بولىدۇ، ئاندىن تۈگۈننى سۆكۈپ يېشىپ، قاپقاقنى ئېچىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى قېزىپ قۇمۇرۇپ چىقارغىلى بولىدۇ، ئاندىن بۇ مەخسۇس كۈرەشنى ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ۋە تولۇق ئېلىپ بېرىپ، ياماننىڭ رەزىللىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتقىلى بولىدۇ. مۇشتۇمزورلارنى ۋە رەزىللەرنى يوقاتمىغاندا، جەمئىيەت مۇقىم بولالمايدۇ، ئەل ئەمىن تاپالمايدۇ. مۇشتۇمزورلار ۋە رەزىللەرنى تازىلاپ تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن مۇشتۇمزور قارا كۈچلەر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان «تور»لار ۋە رەزىل «كۈنلۈك»لەر ۋەيران قىلىندى، خەلق ئاممىسى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
رەزىللىكنى يوقىتىش كۈرىشى ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. مۇشتۇمزورلار ۋە رەزىللەرنى تازىلاپ تۈگىتىش ئۈچۈن، داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىشقا، ئۇلارغا ھەقىقىي تۈردە زەربە بېرىش ئۈچۈن جۈرئەت قىلىشقا تورغا كېلىدۇ، ھەم چوڭ ۋە مۇھىم دېلولارنىمۇ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ پاش قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم باشلاشقا، ھەم شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك پەسكەش-رەزىللەرنىمۇ ۋاقتىدا جازالاپ چىقىشقا، يوشۇرۇنۇپ ياتقان مۇشتۇمزورلارنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ ۋە تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى»نى ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ چىقىرىپ، بۇ مەخسۇس كۈرەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ قۇياش نۇرىنى ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ