شى جىنپىڭ سالۋادور زۇڭتۇڭى بۇكېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.12.04 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- چېسلا خەلق سارىيىدا سالۋادور زۇڭتۇڭى بۇكېل بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ بۇكېلنىڭ جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سالۋادورنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇ مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، ئۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق دەرۋازىسىنى ئاچتى، تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشتى، ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى سىجىل كېڭەيدى، ئۆزئارا چۈشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو-سالۋادور مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا توغرا قارار چىقاردى، بۇ سىياسىئونلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. سىز جۇڭگو-سالۋادور مۇناسىۋىتىدە «قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار كۆپ، ئۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردىڭىز، مەن بۇنىڭغا قوشۇلىمەن. جۇڭگو جەزمەن سالۋادور بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ئاساسىدا، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ