مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش − ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ تۆۋەن چېكى

2019.11.26 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ يىل 25-نويابىر 20-قېتىملىق «خەلقئارا ئائىلە زوراۋانلىقىنى تۈگىتىش كۈنى». جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە زوراۋانلىقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.

  ئائىلە زوراۋانلىقى − ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇش، باغلاش، زىيانكەشلىك قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە دائىم تىللاش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئائىلە زوراۋانلىقى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئائىلە زوراۋانلىقى قىلمىشى ھازىرقى قانۇنلارغا بىۋاسىتە خىلاپ، ھەرقانداق بىر ئائىلە ئەزاسى ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى قاتتىق بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ قىلىشى كېرەك.

  ئائىلە ئەڭ كىچىك ئىجتىمائىي بىرلىك بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرى ئارا تويلىشىش، قانداشلىق ياكى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ ئەڭ كىچىك ئىجتىمائىي ئورۇندا ياشاۋاتقان كىشىلەر يېقىن، بىر-بىرىنى قوللايدىغان ئەزالار مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشى ھەمدە بۇ يەردىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، باشقىلار بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىشى ۋە يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك. شۇڭا ئائىلە «ئىللىق قولتۇق» دەپ ئاتالغان.

  ھالبۇكى، يەنە بەزى كىشىلەر خاتا ئىدىيە ۋە ئىجتىمائىي تىپنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزئارا ئىناق بولغان گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتكە ۋارىسلىق قىلالمىدى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلمىدى، ئەكسىچە ئائىلە ئەزالىرىغا زورلۇق ئىشلىتىپ، ئائىلە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.

  يېقىندىن بۇيان، نۇرغۇن چولپانلار، داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىق قىلغانلىقى ياكى ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىدەك خەۋەرلەر جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چولپانلار ۋە داڭلىق شەخسلەر غايەت زور ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىگە ئىگە، جامائەتمۇ ئۇلاردىن بىر قەدەر زور ئۈمىد كۈتىدۇ. شۇڭا، چولپانلار ۋە داڭلىق شەخسلەر جەمئىيەتكە ياخشى ئەخلاق-پەزىلەتنى تارقىتىپ، مۇنەۋۋەر ئائىلە ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ۋە نەمۇنىلىك ئائىلە ئەزالىرىغا ئايلىنىش مەجبۇرىيىتى بار.

  يېڭى دەۋردە، ئالاقىدار تارماقلار ئەر- خوتۇننىڭ مېھىر-شەپقىتى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش قاتارلىق ئائىلىلەرنىڭ ئېتىكا، ئەخلاق ئىجابىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، «بەشتە ياخشى ئائىلە»، ئىناق گۈزەل بىنا-ھويلا، ئىناق مەھەللە بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىجابىي تىپلارنى تەشۋىق قىلىشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك ۋە ئاشكارىلاش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەرلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئاياللارنى كەمسىتىش، ئۇرۇش ئارقىلىق ۋاپادار پەرزەنت تەربىيەلەش قاتارلىق خاتا ئىدىيە ۋە ئىجتىمائىي ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىشى كېرەك.

  ئائىلە زوراۋانلىقى قانۇندا ئېنىق چەكلەندى، جەمئىيەت قاتتىق نەپرەتلەندى. ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرغۇچى، نازارەت قىلغۇچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. پەقەت ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرىدىغان ئاساسىي قاتلام مۇداپىئە تورىنى زىچ ئورناتقاندىلا، ئائىلە زوراۋانلىقىدىن ئىبارەت بۇ چىرىك، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئاندىن قۇياش نۇرى ئاستىدا ھالاك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ