گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى

2019.12.04 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 12-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ھەم ئۇنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن خىزمەتچىلەرنى ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشكە تەشكىللەش چارىسى»گە ئاساسەن، 2019-يىلى 7-ئايدىن 11-ئايغىچە، 14 تارماق ۋە ئورۇننىڭ گوۋۇيۈەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 16 مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بەردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، دۆلەت كومىسسارى گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇمچە باش كاتىپى شياۋ جيې ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن، قەسەم بېرىش يېتەكچىسى ئاساسىي قانۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ، قەسەم سۆزىنى باش بولۇپ ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر ئارقا سەپتە تىزىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، قەسەم سۆزىنى ئەگىشىپ ئوقۇدى.

  قەسەم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش ۋە ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش بولسا، ھەر بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ جەزمەن ئەمەل قىلىشى شەرت بولغان تۈپ ھەرىكەت مىزانىدۇر. خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بولسا، ھەر بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلىشى شەرت بولغان كۈرەش نىشانىدۇر. ئۇ كۆپچىلىكتىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ۋە خەلق ئۈچۈن ئادا قىلشى، ھەمدە ئەمەلىي ۋە پاك ھالدا ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى،ھەمدە باش بولۇپ قانۇننى ھۆرمەتلەپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى قوللىنىپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل نامايان قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا نەتىجىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش بېجىرىش، قاتتىق تېجەشلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئەڭ ئىنتىزار بولغان ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىي ۋە ياخشى بېجىرىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ