مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ۋوندىرلەيىن بىلەن تېلىفونلاشتى

2019.12.02 15:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كېلىشىۋالغىنى بويىچە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسى ۋوندىرلەيىن بىلەن تېلىفونلاشتى.

  لى كېچياڭ ۋوندىرلەيىننىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئاساسلىق ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ياۋروپانى بىر گەۋىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى جۇڭگو-ياۋروپاغا، دۇنياغا پايدىلىق.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز «پارىژ كېلىشىمى»دىكى ۋەدىمىزنى پائال ئادا قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سانائەتلىشىش، شەھەر-بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا مۇھىتنى ياخشىلاپ، ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى كېچياڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگىنىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ كېلەر يىلى جۇڭگوغا كېلىپ 22-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشىنى قارشى ئالدى.

  ۋوندىرلەيىن مۇنداق دېدى: مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنىلا سىز بىلەن تېلېفونلاشتىم، بۇ ياۋروپانىڭ ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كېلەر يىلى ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى بار. مەن كېلەر يىلى جۇڭگوغا بېرىپ 22-قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى خىزمەتنىڭ ئالدىن يۆنىلىشى قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى، خې لىفېڭلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ