مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2019.11.28 15:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا « سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا مەبلەغ سېلىش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىيات ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر.

  «سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى»دا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش تەلىپى قانۇن-تۈزۈم قاتلىمىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جايلار، تارماقلار ئېلىمىزنىڭ سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق بىلەن ياخشىلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك. «نىزام» نىڭ يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، «نىزام»غا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قائىدە ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش، تۈزىتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نىزامدىكى تەلەپ بويىچە، دىققەتنى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېخىمۇ ئىخچاملاش لازىم. كېلەر يىلى دۆلەت قاتلىمىدىكى مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى تىزىملىكى تۈزۈپ ئېلان قىلىنىدۇ، تىزىملىك سىرتىدىكىلەر بىردەك بەلگىلىمىگە خىلاپ تەستىقلاش دەپ قارىلىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى سىرتىدىكى باشقا ئىجازەتلىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرى زور دەرىجىدە ئىخچاملىنىدۇ.

  كارخانا قۇرۇش ۋاقتى داۋاملىق قىسقارتىلىدۇ. ئىككىنچى، مۇلازىمەتچىلىك بازار ئىجازىتى تەلىپى زور دەرىجىدە قويۇۋېتىلىپ، پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ئاپپاراتلارغا كىنىشكا بېجىرىش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، گۇۋاھنامە بەرگەندىن كېيىن كىنىشكىنى كېمەيتىشكە كۈچ چىقىرىلىدۇ. ئۈچىنچى،كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق يەنىمۇ ئېنىقلىنىدۇ. ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش ھەرىكەتلىرى رەتكە سېلىنىپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىمپورت-ئېكسپورتتا يەككە يۈك ساندۇقىدىن ئېلىنىدىغان مۇنتىزىم ھەق 400 ئامېرىكا دوللىرى ئىچىدە ئازايتىلىدۇ. تۆتىنچى، ئادىل رىقابەت يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ساھە ئىجازىتى، ساپا ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا بولغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك ياكى قانۇن ئاساسى بولمىغان پەرقلىق بەلگىلىمە چىقىرىش ئۇسۇلى تۈزىتىلىپ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىپ ئادىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ. جامائەت مەنپەئەتى قاتارلىق ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسى ۋە توختامدىكى پۈتۈم ئۆزگەرتىلىپ، كارخانىنى زىيانغا ئۇچراتقان ئىشلار بولسا قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ. بەشىنچى، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ كۆچمەس مۈلكىنى تىزىملاش ۋاقتى بەش خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى ئېلېكترونلاشتۇرۇلىدۇ ۋە باجغا چېتىلىدىغان ئاساسلىق ئىشلار توردا بېجىرىلىدۇ. ئىسپات ئىشلىرىنى ئۇقتۇرۇش ۋەدە تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، ئامما ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرگەندە پەقەت بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ۋەدە بېرىپ، ھېچقانداق ئىسپات تاپشۇرمايدۇ.

  سودا مۇھىتىنى باھالاشنىڭ ھەيدەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يىغىندا 2018-يىلىدىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان دۆلەت ئىچىدىكى سودا مۇھىتىنى سىناق باھالاش ئاساسىدا، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەسىراتىنى ئاساس قىلىپ، كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ھەم ئورتاق مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ھەل قىلىش ھەم يەرلىك ۋە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرماسلىق تەلەپ قىلىندى. خەلقئارادىكى ئىلغارلىقنى نىشانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق يولغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ