مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانداق كىشىلەر نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ؟ سىز شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىمۇ؟

2019.11.22 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بولسا، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي توسالغۇ كېسىلىدۇر. ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئويلايدىغان كىشىلەر مۇشۇنداق روھىي كېسەللىككە مۇپتىلا بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى «ساراڭ» دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى ئەسلىدە ساقايماس كېسەل ئەمەس، ئەمما، ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇ كېسەل ئاسانلا قايتا-قايتا قوزغىلىدۇ. ئادەملەر نېمە ئۈچۈن نېرۋىسىدىن كېتىپ ئېلىشىپ قالىدۇ؟ قانداق كىشىلەر نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ ؟

  نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ نېرۋىسىدىن كېتىپ ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتى يوق.

  تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئامىل كىشىلەرنىڭ نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن:

   بىرىنچىسى، ئىرسىيەت ئامىلى.

  كلىنىكىدىكى نۇرغۇن دېلو مىساللىرى ۋە كېسەللىك مىساللىرىدىن شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى جەريانىدا ئىرسىيەت ئامىللىرى ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. مەسىلەن، پۈتۈن ئائىلە بويىچە، يەنى ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچا-سىڭىللارغا ئوخشاش بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئاتا ياكى ئانا تەرەپتىن بىرەر تەرەپ شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، ئۇنىڭ بالىسىنىڭ شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %15كە يېتىدىكەن، ئەگەر ئىككىلا تەرەپ شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %40كە يېتىدىكەن. دېمەك، ئۇنداقلارنىڭ شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدىكىلەردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بولسا، ئۇلار ئارىسىدا نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار ئاسانلا كۆرۈلىدىكەن.

  ئىككىنچىسى، خۇلق-مىجەز ئامىلى.

  مەسىلەن، ئاتالمىش "روھىي پۈتۈنلۈكى پارچىلانغان" خۇلقىي مىجەزگە ئىگە كىشى، جاھىل خۇلقىي مىجەزى بار كىشى دېگەندەك كىشىلەرنىڭ نېرۋىسى ھەمىشە بىرقەدەر سەزگۈر كېلىدۇ، ئۇنداقلار گۇمانخور ۋە جاھىل بولىدۇ ۋە ئىچ مىجەزلىك بولىدۇ. ئۇنداقلار بۇ خىل كېسەلگە ئاسانلا گېرىپتار بولىدىغان كىشىلەر توپىدىكىلەر ھېسابلىنىدۇ.

  ئۈچىنچىسى، ئائىلەۋى مۇھىت ئامىلى.

  ناچار ئائىلە مۇھىتىدا تۇغۇلغان بەزى بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خورلىشىغا، بولۇپمۇ جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك خورلاشقا ئۇچرايدۇ. يەنە ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئاتا-ئانا مۇناسىۋىتى، ئائىلىدىكى زوراۋانلىق قاتارلىقلارمۇ نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىغا زامىن بولىدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك ئامىللاردۇر.

  تۆتىنچىسى، مۇھىت بېسىمى ئامىلى.

  مەسىلەن، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن بەختسىز، ئىقتىسادىي شارائىتى بىر قەدەر ناچار، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشايدىغان بولسا، ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىچىدە كېيىنكى خىزمەتتىكى روھىي بېسىمى، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىن بولغان روھىي بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، بۇلارمۇ نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار قىلىدىغان ئامىللاردۇر.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىئولوگىيەلىك ئامىللارمۇ بار. مەسىلەن، بۇنىڭدا، ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىكى ھەر خىل زەخىملىنىشى، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تاشقى زەخىملىنىشى، قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكى دېگەندەك ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار ئادەم نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ، ئادەم مېڭىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ