مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەقىقىي دوست قانداق بولىدۇ؟

2019.11.11 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  گەرچە ئىجتىمائىي ئالاقىدە قارشى تەرەپكە زىيادە كۆپ تەلەپ قويغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر غايىۋى دوستنىڭ قىياپىتى بولىدۇ، ئۇ بەلكىم ئىللىق بولۇشى ۋە ياكى ئەقىللىق بولۇشى مۇمكىن. كۆپ ساندىكى كىشىلەر دوستلىرىدا قانداق پەزىلەتلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ «مەكتەپ تۇرمۇشى» ناملىق يەر شارى مائارىپ تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ھەقىقىي ياخشى دوستلاردا بولىدىغان بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى رەتلەپ چىقتى.

  بىرىنچى، ياخشى دوست ئاجىزلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزىنىڭ قانچىلىك قۇدرەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوڭايسىزلىنىدىغان ئىشىنى بىمالال تىلغا ئالىدۇ، يەنە ئۆزى ماھىر بولمىغان نەرسىلەرمۇ بار. ئۇلار ئاشكارىلىغان مەغلۇبىيەت، قايغۇ- ھەسرەت، ئاجىزلىق ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سىزگە قانچىلىك ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۇقتا ھەققىدە شەرق-غەرب مەدەنىيىتىدە بەزى پەرقلەر بولىدىكەن، مەسىلەن، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە «ئاجىزلىقنى كۆرسىتىش» تۇرمۇشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولماسلىقى كېرەك، دەپ قارىلىدىكەن، شۇڭا «خۇش خەۋەرنى مەلۇم قىلىش، غەم-قايغۇنى مەلۇم قىلماسلىق» دېگەن گەپ بار ئىكەن، غەرب دۆلەتلىرىدە بولسا، ئاجىزلىقنى كۆرسىتىش ۋە دەردىنى تۆكۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس دەپ قارىلىدىكەن. لېكىن شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، دوستلار ئارىسىدىكى ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىش بىر خىل ئىشەنچنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇمۇ بىر ئادەمنىڭ راست دوست ياكى ئەمەسلىكىنى سىنايدۇ.

  ئىككىنچى، ياخشى دوستلار ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، مەيلى سىز قايغۇ- ھەسرەت ياكى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىڭ، ئۇلار سىزنىڭ غەلىتە ياكى ئەخمىقانە ھەرىكىتىڭىزدىن ھەيران قالمايدۇ ۋە خالىغانچە باھا بەرمەيدۇ، سىزنىڭ يېغىرىڭىزغا قاتتىق تەگمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلالايدۇ، سىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش نۇرغۇن مۇكەممەل بولمىغان تەرەپلىرىڭىز بارلىقىنى بىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، ھەقىقىي دوست ناھايىتى ئىشەنچىلىك بولىدۇ. سىز كىچىككىنە نەتىجە قازانسىڭىز ئۇلار خۇشامەت قىلمايدۇ؛ ئاجىزلىقىڭىزغا قارىتا ئۇلار چۈشىنىدۇ، ئادەمنىڭ بەزىدە ئۆز كۆز قارىشىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىدىغانلىقىنى، يەنە ئۆزىنىڭ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەن چاغلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ سىزدىكى سەزگۈر ساھەگە قارىتا، ئۇلار مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدۇ؛ قىيىنچىلىقىڭىز ئالدىدا، ئۇلار يەنە سىزگە ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز مەسخىرە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سىز قىيىنچىلىقتا قالغاندا بىرىنىڭ ياردەم بېرىش-بېرەلمەسلىكى ئۇنىڭ دوستلۇقىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى.

  تۆتىنچى، ياخشى دوست سىزنىڭ ياخشى بولغان ئۆز-ئۆزىڭىزنى تونۇشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدا چۈشەنگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىسىز، بەلكىم بىلىپ- بىلمەيلا جىددىيلىشىشىڭىز، گاڭگىراپ قېلىشىڭىز، نىشانىڭىزنى تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ھەتتا بەزىدە سىز بەزى كۈچلۈك خىياللارنى پەيدا قىلىسىز، لېكىن بۇ خىياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم ئىكەنلىكىنى زادىلا چۈشىنەلمەيسىز. بۇ چاغدا ياخشى دوستىڭىز ئولتۇرۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن قۇلاق سېلىپ، سىزگە ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىدۇ.

  بەشىنچى، ياخشى دوست تەپەككۇر قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايسىز، بەزى ئەھۋاللاردا سىز ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقىنىڭىزنى بىلەلمەيسىز، بۇ چاغدا ياخشى دوستلىرىڭىز سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى كېڭەيتىپ، نېمە ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بايقاپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئىگە بولىسىز. سىز ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى كۆرەلەيدۇ.

  ئالتىنچى، ھەقىقىي دوست ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. ياخشى دوست سىز كۆرەلمەيدىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ بىر ئادەمدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، كۆپ ھاللاردا، سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزنىڭ ناچار ئەھۋالى ۋە ناچار تەرىپىنى كۆرىسىز، لېكىن ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ۋە جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىڭىزنى كۆرەلمەيسىز، شۇڭا سىزگە بىر دوست كېرەك.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىر ھەقىقىي دوست سىز ئۇزاق ۋاقىت ئارىلاشقان ئادەم بولۇشى ناتايىن. خۇددى قەدىمكىلەرنىڭ «گېپى بىر يەردىن چىقمايدىغانلارغا يېرىم جۈملىمۇ ئارتۇقچە» دېگەن سۆزىگە ئوخشاش، دوست تۇتۇش بىلەن ئارىلاشقان ۋاقىتنىڭ ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا، ھەقىقىي دوستلۇق يەنە ئىختىيارسىز ھالدا دوستىڭىزنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلى، كۈلۈمسىرەش ئۇسۇلى، قىزغىنلىق ھالىتىنى كۆڭلىڭىزدە ساقلايدۇ، بىرىڭلار كەلگۈسىدە يىراقلارغا كېتىپ قېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىلاشمىساڭلارمۇ، بۇ دوستلۇق مېھرى قىلچە سۇسلىشىپ قالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ