مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتنى ۋە زېھنىنى ئاساسىي كەسىپكە سەرپ قىلىدىغان قىلىش كېرەك

2019.11.05 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلانىدا مائارىپ ئاساستۇر؛ مائارىپنىڭ پىلانىدا بولسا، ئوقۇتقۇچى ئاساستۇر. مائارىپ ئىشلىرىنى خەلق رازى بولىدىغان دەرىجىدە ياخشى يولغا قويۇشتا، ئوقۇتقۇچىلار بولسا ھەمىشە مائارىپنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە مائارىپنى گۈللەندۈرۈش مەنبەسى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مۇشۇ مەزگىللەردە بىر قىسىم جايلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇپ كېتىشىدەك مەسىلە ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ ئۇ يۈكنى ھەقىقىي يېنىكلەتكىلى ۋە ئۇلارنى قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش بىلەن بولۇش ھەم كۆڭۈلنى توختىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشكە قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

  يېقىندا، تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتى «قولىدىن تارتىۋېلىنغان»: بەزى ئوقۇتقۇچىلار ماتېرىيال يېزىش ۋە جەدۋەل تولدۇرۇش بىلەنلا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇشقا چولىسى تەگمىگەن؛ بەزى مەكتەپلەرنىڭ مۇپەتتىشلىكنى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دەرس سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشىغا توغرا كېلىدىكەن؛ يەنە بەزى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىدىن خادىملارنى ۋاقتىنچە يۆتكەشكە مايىل بولغانلىقتىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن . . . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللار ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن، بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئوقۇتۇش بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچى چېچىلىپ كىتىپ، دەرسخانىدىكى ئاساسىي كەسىپ مائارىپىغا تەسىر يەتكەن. ئاساسىي قاتلام ۋە مەكتەپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتىىنىڭ ھەم بىلىم بېرىش ھەم تەربىيە بېرىشتەك ئاساسىي كەسىپكە سەرپ قىلىنىشى تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، بىز بۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.

  مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتى بولىدۇ، مەكتەپلەرنىڭ ھەم ئاساسىي كەسپى بولىدۇ. بۇ يىل 9- ئايدا، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىدا «ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشقا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ماقۇللىنىپ، «ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ۋە ئوقۇتۇشىغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قاتتىق ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش» تەلەپ قىلىندى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ھەم مائارىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن، ھەمدە مائارىپ سىرتىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى زىيادە كۆپ بولۇش، ئىجتىمائىي ئىشلار مەكتەپلەرگە زىيادە كۆپ كىرىش، ئالاقىدار مەلۇمات جەدۋەللىرىنى تولدۇرۇش خىزمىتى زىيادە مۇرەككەپ بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى زىيادە كۆپ ئاجرىتىپ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە، ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ، كېسەللىك ئوچىقىنى تەكشۈرۈپ، «يۈك تىزىملىكى»نى توغرا تاپقاندىلا، ئاندىن «يۈكنى يېنىكلىتىش تىزىملىكى»نى توغرا تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە بىلىم ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، مائارىپنى ماھىيىتىكە قايتۇرغاندىلا، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار خاتىرجەم ۋە قىزغىن ھالدا مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارمۇ خاتىرجەم ھالدا بىلىم ئۆگىنەلەيدۇ.

  ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئىشنى مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. نۆۋەتتە، بەزى جايلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي كەسپىنى ساقلاپ قېلىشى تەس بولماقتا، ئاساسىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى قىيىن بولماقتا. بۇنداق بولۇشتىكى مۇھىم بىر سەۋەب شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت. ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ياكى مۇناسىۋىتى زىچ بولمىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئارتۇقچە ئۈستىگە ئالىدىغان بەزى خىزمەتلەر، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىلەر ئاساسىي قاتلامنىڭ باشقا ساھەلىرىدە ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئەكس ئېتىشىدۇر. دەل شۇنداق بولغاچقا، مەركەز 2019- يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شەكىلۋازلىق قىلىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ چىقاردى. زۆرۈر بولغان ئىشلارنى چىڭ تۇتۇش، زۆرۈر بولغان ئىشلارنى كۈچەيتىش، ئورۇنسىز ۋە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى ئازايتىپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشتىن باشلاپ، ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىقنى ئۇنىڭ ياشاش تۇپرىقىدىن ئايرىۋەتكەندە، ئاندىن ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان يۈكنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ