شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى

2019.11.05 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 4-نويابىر كەچتە شاڭخەي تىنچلىق مېھمانخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

  ئالتۇن كۈزدە، ئون چاقىرىم يىراقلىقتىكى ۋەيتەندە، پۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا، بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، رەڭگارەڭ مەنزىرىلەر جىلۋىلىنىپ، ئاۋات مەنزىرىلەر نامايان بولغان ئىدى. يۈز يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە تىنچلىق مېھمانخانىسى بىلەن 30 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قەد كۆتۈرگەن لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە مەركىزى بىر- بىرىنى چاقنىتىپ، شېنچېڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە ئورتاق شاھىد بولدى.

  كەچ سائەت 6 دە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئەر-ئايال، يامايكا زۇڭلىسى خورنىس ئەر-ئايال، گىرىتسىيە زۇڭلىسى مىزوتاكىس ئەر-ئايال، سېربىيە زۇڭلىسى بۇرنابىچ قاتارلىق چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  كەچ سائەت 7 دە زىياپەت باشلاندى. شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى زاماندىن بۇيان، شاڭخەينىڭ «دەريا بىلەن دېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان جاي، شەرقىي جەنۇبتىكى مەركىزىي شەھەر» دېگەن گۈزەل نامى بار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشىنى ئۇچقاندەك يېتەكلىدى، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تېخىمۇ چوڭ بىر خەلقئارا شەھەرگە ئايلاندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭخۇا زېمىنىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ