خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى 29-ئۆكتەبىر جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ بىڭنەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ۋاڭ بىڭنەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 5-نويابىردىن 10- نويابىرغىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ۋە خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن دۆلەت سارايلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئالاقىدار دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يەنە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ. ھازىرغىچە 170 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى سىياسىي، سودا، ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ