خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 29- كۈنى كامبودژا پادىشاھى سىخامونىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پادىشاھ سىخامونىنىڭ تەختتە ئولتۇرىۋاتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پادىشاھ سىخامونى تەختكە چىققاندىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، كامبودژا خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.
جۇڭگو بىلەن كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقى باشتىن ئاخىر ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، مەن پادىشاھ سىخامونى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ۋە كامبودژانىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ