خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېرىم كۈن ئالدىراش ئۆتۈپ، توختاپ بىر ئارام ئېلىپ ئۇخلاپ، بەدەنگە توك قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۋېتسارىيە لوساڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھەر ھەپتىدە چۈشتە بىر-ئىككى قېتىم ئۇخلىسا يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋە سەكتە بولۇپ قېلىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار شۋېتسارىيىنىڭ لوساڭ شەھرىدە 35 ياشتىن 72 ياشقىچە بولغان 3462 ئاھالىنى ئىختىيارىي تاللاپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ، بىر ھەپتە ئىلگىرىكى ئۇيقۇسى ۋە چۈشلۈك ئۇيقۇ ھالىتىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىغان، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بەش يىل تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلاردىن %58 كىشى ئالدىنقى ھەپتىدە چۈشتە ئۇخلىمىغانلىقىنى، %19 كىشى ئالدىنقى ھەپتىدە چۈشتە 1~ 2 قېتىم ئۇخلىغانلىقىنى، %12 كىشى ئالدىنقى ھەپتىدە چۈشتە 3 ~ 5 قېتىم ئۇخلىغانلىقىنى، %11 كىشى ئالدىنقى ھەپتىدە چۈشتە 6~7 قېتىم ئۇخلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىچە، دائىم چۈشتە (بىر ھەپتىدە 3 ~ 7 قېتىم) ئۇخلايدىغانلارنىڭ يېشى كۆپىنچە چۈشتە ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ يېشىدىن چوڭ ئىكەن، يەنە كېلىپ ئەرلەر، تاماكا چېكىدىغانلار، سېمىزلەر، كەچ ئۇخلايدىغانلار كۆپ ئىكەن. كۆزىتىش مەزگىلىدە، ئۆلۈشكە زامىن بولىدىغان ۋە ئۆلۈشكە زامىن بولمايدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋەقەسىدىن 155ى يۈز بەرگەن. تەھلىلدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەزەلدىن چۈشتە ئۇخلىمايدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەزىدە چۈشتە (بىر ھەپتىدە 1 ~ 2 قېتىم) ئۇخلايدىغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش، سەكتە بولۇش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش خەتىرى %48 تۆۋەن بولىدىكەن. كۈندۈزى زىيادە كۆپ ئۇخلايدىغانلار ۋە خامۇشلۇق كېسىلى بارلار بىلەن ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاز دېگەندە ئالتە سائەت ئۇخلايدىغانلارنى سېلىشتۇرۇپ ئويلاشقاندىن كېيىن بايقىلىشىچە، بۇلار ئارىسىدىكى بۇ خىل باغلىنىشلىق يەنىلا روشەن بولمىغان، بۇ خىل باغلىنىشلىق پەقەت يېشى بىر قەدەر چوڭ بولغانلار ۋە ئۇيقۇدا نەپەس ئېلىشى ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كېسىلى ئېغىر بولغانلاردا روشەن بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتتە پەقەت بىر تۈرلۈك كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقاتلا بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ھازىرچە بېكىتىش تەس بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ