خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى داڭلىق ئالىملارنىڭ 2- نۆۋەتلىك مۇنبىرى (2019) 10- ئاينىڭ 29- كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكا − ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىي پائالىيىتى، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم دۇنياۋى نەزەرگە ئىگە بولۇش ۋە دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەمىشە پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە دۇنيانىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيادىكى داڭلىق ئالىملار مۇنبىرى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ ئىدىيە، ئەقىل-پاراسىتى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەن ۋەكىللەرنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرى ئۈچۈندۇر» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي پەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يار-يۆلەك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ