شى جىنپىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم، دەپ تەكىتلىدى

2019.11.04 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، شەھەرنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى يىڭ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، شاڭخەينىڭ ياڭپۇ بىنجياڭ، گۇبېي مەھەللىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر ئاممىۋى بوشلۇقى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى، مەھەللىنى تۈزەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

  2-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭپۇ رايونى بىڭجياڭ ئاممىۋى بوشلۇقى ياڭشۇپۇ سۇ زاۋۇتى بىڭجياڭ بۆلىكىگە كېلىپ، سىنلىق ۋە كۆپ ۋاسىتىلىق كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ 45 كىلومېتىرلىق ئاممىۋى بوشلۇقى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ياڭپۇ بىنجياڭ ئاممىۋى بوشلۇق قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە بىڭجياڭ قىرغاق لىنىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى، ياڭپۇ بىنجياڭ زاۋۇت، ئامبارلارنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش قىرغاق لىنىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، باغچە، يېشىللىق ئاساس قىلىنغان تۇرمۇش قىرغاق لىنىيەسى، ئېكولوگىيە قىرغاق لىنىيەسى، مەنزىرە قىرغاق لىنىيەسىگە ئۆزگەرتتى، ئىلگىرىكى سانائەت بۇلغىما بەلبېغى تۇرمۇش بەلبېغىغا ئايلىنىپ، شاڭخەيگە گۈزەل بىر مەنزىرە قوشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەدەنىيەت شەھەرنىڭ جېنى. شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جۇغلانمىسى، شەھەرنىڭ مەزمۇنى، سۈپىتى، ئالاھىدىلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. قوغداش بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «ياشانغانلار»غا مۇئامىلە قىلغاندەك شەھەردىكى كونا ئىمارەتلەرگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت خاتىرىسىنى ساقلاپ، كىشىلەرنى تارىخنى، يۇرتنى ئەستە تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دۆلەت ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ