خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 5- نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەيدە باشلىنىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ.
شۇ چاغدا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، ئاخبارات قانىلى ۋە چەت ئەل تىلى قانىلى قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، جۇڭگو ئاۋازى، يەر شارى ئۇچۇر رادىيوسى قاتارلىق رادىئو چاستوتىلىرى ۋە شىنخۇا تورى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىدۇ. ھەر قايسى ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تور
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ