مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي پەرمانغا ئىمزا قويدى

7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر ترېنېرلىرى تەقدىرلەندى

2019.10.30 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 28- چېسلا ئومۇمىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ترېنېرلىرىنى تەقدىرلىدى.

  تەقدىرلەش پەرمانىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيا خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ئازادلىق ئارمىيە ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسابىقە مەيدانىدا جەڭ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، دوستلۇقنى يەتكۈزۈپ، تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتىن تەڭ مول ھوسۇل ئېلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىپ، دۆلەت بايرىقى ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئارمىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈردى! سىلەرنىڭ قەيسەر ۋە قالتىس ئىپادەڭلار ئارمىيەمىزنىڭ تەنتەربىيە قوشۇنىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان قوشۇن ئىكەنلىكىنى مەركەزلىك جاكارلاپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى يېڭى ئوبراز ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئارمىيە روھى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ