مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلارنى يۆلەش ئاسان ئەمەس، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك

2019.11.01 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى: نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى توغرىسىدىكى بىر قانچە خەۋەر يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان توردا كەڭ تارقىلىپ، ئاممىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا بولغان دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر ئايال كادىرنىڭ نامرات ئائىلىلەرنى «تىللىغان» كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ بار ئىدى.

  سىندا ئايال كادىر مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن كىشىلەر، ئىلگىرى قورسىقىمىز تويمايتتى، كىيىمىمىز پۈتۈن ئەمەس ئىدى. ھازىر سىياسەت بارغانسېرى ياخشىلاندى، دۆلەت تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بار، كېسەل بولساق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، كۈن ئالالماي قالساق يەنە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بار، ئۆي سالساڭلار سىلەرگە ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئويلاپ بېقىڭلار، ئۆز تۇرمۇشۇڭلارنى ياخشى ئۆتكۈزمەسلىككە يەنە قانداق باھانەڭلەر بار؟ بەخت ئاغزىڭلارنى ئېچىپ ئولتۇرغانغا كەلمەيدۇ، قولۇڭلارنى سوزۇپ ئولتۇرغانغا كەلمەيدۇ، ئۆيدە پۇتۇڭلارنى ئىلماپ ئولتۇرغانغا كەلمەيدۇ. ماشىنا ھەيدەپ، غەربچە ئۆيدە ئولتۇرىدىغانلارغا قاراپ بېقىڭلار، قايسىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ بېيىپتىكەن؟ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ بېيىغان... »

  سىننى تەپسىلىي كۆرگەندە، بۇ ئايال كادىرنىڭ ئەمەلىيەتتە تىللاۋاتمىغانلىقىنى بايقايمىز −− بىر تەرەپتىن، ئۇ مەدەنىيەتسىز سۆزلەرنى ئىشلەتمىگەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي قائىدە. بۇنى «تىللاش» دېگەندىن كۆرە، ئاز ساندىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ساقلاش، تايىنىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ تىرىشمىغانلىقىغا قارىتىلغان ئەسكەرتىش ۋە تەربىيە دېگەن تۈزۈك.

  «بەخت ئاغزىنى ئېچىپ ئولتۇرغانغا كەلمەيدۇ»، «نامراتلارنى يۆلەش دېگىنىمىز − نامراتلارغا ياردەم بېرىش، يېتىلەپ بىر قەدەم مېڭىش، دېگەنلىك»....

  سىندا، نامراتلارنى يۆلەيدىغان ئايال كادىرنىڭ تىلى جانلىق ھەم تەسىرلىك بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش جەريانىدا ساقلانغان «كېسەللىك يىلتىزىغا»غا بىۋاسىتە «ھۇجۇم» قىلغان ئىدى. بۇ سىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن كىشىلەر گەپنى ئۇدۇللا دېيىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، راست گەپ قىلىدىغان بۇ نامراتلارنى يۆلەش كادىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئالدىراش كىشىلەرنىڭ بىرى. زور تۈركۈمدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەنبە كۈنىمۇ ئىشلىسە، بەزىلىرى ھەتتا شەنبە- يەكشەنبىمۇ ئارام ئالماي ئىشلەيدىغان بولۇپ، «شەنبە كۈنى دەم ئالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ»؛ بەزىلەر «كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كېچىپ كۆپچىلىك ئۈچۈن» جان كۆيدۈرىدۇ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان ۋاقتى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان ۋاقىتتىنمۇ كۆپ... دەل مۇشۇنداق زور مىقداردىكى ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، جاپاغا چىدايدىغان كادىرلار ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كەنت-گۇرۇپپا، ناھىيە، بازار، ھەتتا ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش»تەك زور ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولدى.

  نامراتلارنى يۆلەش يولىدا، بەزى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. يېقىندا، بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۈننەندىكى ئىككى نامراتلارنى يۆلەش كادىرى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىقىلغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپ يۈز بېرىپ، كىشىنى ئېچىندۇرغان ئىدى.

  كىشىلەرنىڭ بۇ ئايال كادىرنى ئالقىشلىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇنىڭ سۆزىدىن كىشىلەر نامراتلارنى يۆلەيدىغان كادىرلارنىڭ مەسئۇليەتچانلىقى ۋە ھەقىقەتەنمۇ نامرات ئائىلىلەرنى ئويلاشتەك چىقىش نۇقتىسىنى كۆرگەنلىكىدە؛ چۈنكى، بەزى گەپلەرنى پەقەت «ئاۋامنى ئويلايدىغانلارلا دېيەلەيدۇ».

  نامراتلارنى يۆلەش ئاسان ئەمەس، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆپرەك ئىلھام بېرىش كېرەك. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئالقىشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاز ساندىكى كىشىلەر سىننىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە تارقىلىش مەقسىتىدىن گۇمانلاندى، ھەتتا بۇنى «كۆپتۈرمىچىلىك» دەپ ئاتىدى. بۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئەمەلىيىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ھالىتىگە بولغان چۈشەنچىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. پاكىت ئاساسى بولمىغان بەزى ئاساسسىز پەرەزلەر ئاسانلا نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئوڭايلا بىرىنچى سەپتىكى ئالدىراش كىشىلەرنىڭ «كۆڭلىنى سوۋۇتىۋېتىدۇ».

  نۆۋەتتە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» سىگنالى چېلىنغان پەيتتە، بىز نامرات ئائىلىلەرنىڭ «ئېرىشىش تۇيغۇسى»غا دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ «ئېتىراپ قىلىنىش تۇيغۇسى»غىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ياخشى نىيەت كۆپرەك بولۇش، كۆپرەك كەڭ قورساق بولۇش، كۆپرەك چۈشىنىش، كۆپرەك ئىلھام بېرىش كېرەككى ھەرگىزمۇ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى ھەم تەر ئاققۇزۇش، ھەم ئازابلاشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ