مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2019.11.01 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» جەمئىي 10 باب، 86 ماددا.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2015-يىلى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەشكە، قانۇن ئۆلچىمىگە كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر.

  «نىزام»دا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن بىرلىككە كەلگەن نوپۇزلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىيارىي نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، باشقا جايدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرى قوشۇمچە بەلگىلىنىپ، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ھەمدە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر قارا تىزىملىك تۈزۈمى ۋە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ