مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باھالاشتا ماتېرىيال كۆپ، ئۇششاق-چۈششەك ئىش يۈكى ئېغىر، ئىش ئورنىدىن ئاجرىتىپ چىقىش بىزار قىلىدۇ

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتىنى كىم «تارتىۋالدى»؟

2019.10.25 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل 9-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇشقا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش، زېھنىنى قويۇپ ئادەم تەربىيەلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ بايقىشىچە، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، مۇناسىۋەتسىز ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى دائىم ئاجرىتىپ چىقىرىش قاتارلىقلار يەنىلا كۆپ جايدا مەۋجۇت ئىكەن.

  ۋاقىتنى كىم «بۇلاپ» كەتتى؟

  −− ماتېرىيال يېزىش، جەدۋەل تولدۇرۇشنىڭ كۆپلۈكىدىن، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مەجبۇرىي «جەدۋەلچى»لەرگە ئايلىنىپ قالماقتا. 30 ياشقا كىرمىگەن پېڭ مۇئەللىم شەرقىي قىسىمدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوتتۇرا قاتلام كادىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە ئىستىقبالى پارلاق پېڭ مۇئەللىم بەش يىللىق مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ: «ماتېرىيال يېزىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدىم، ھېلىمۇ ياخشى ئايالىممۇ ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ھالىمغا يېتىدۇ، بولمىسا ئائىلىمىز ئاللىبۇرۇن بۇزۇلغان بولاتتى»، دەيدۇ.

  پېڭ مۇئەللىم مەكتەپتە پائالىيەت بولسىلا ئۆزىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ماتېرىياللارنى رەتلەيدىغانلىقىنى، «لايىھە، نەتىجە، خۇلاسە، يۈرۈشلۈك ئىز قالدۇرغان سۈرەت، سىنلارنىڭ بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، يەنە APP غا يوللاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  جياڭسۇدىكى بىر داڭلىق مائارىپ گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ‹مەكتەپلەرگە كىرىش› پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ مەكتەپلەر بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق، لېكىن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹ماتېرىيال يېزىش› يۈكىگە ئايلىنىپ قالدى. مەسىلەن، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش دەۋرى ئۈچ يىل، ئۈچ يىللىق ماتېرىياللارنى توپلىغاندا بىر ئادەمنىڭ بويىدەك ئېگىزلىكتە بولىدۇ. ئەگەر بۇ قېتىم باھالانمىسا، يەنە ئۈچ يىل ماتېرىيال ئىشلەش كېرەك».

  −− نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بەك ئېغىر ھەم ئەمەلىي ئۈنۈمى كەمچىل بولماقتا. «‹نامراتلارنى يۆلەش ئوقۇتۇشتىن مۇھىم› دېگەن بۇ سۆز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەسلىي سۆزى». مۇخبىر مەلۇم ناھىيەدىكى تولۇق 3-يىللىقنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ كۈنى بىر مەيدان نامراتلارنى يۆلەش يىغىنىنىڭ كەچ سائەت 8 دىن سائەت 10 غىچە ئېچىلغانلىقىنى، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سائەت 11 گە يېقىن بولغاندا ئاندىن ئۆيگە قايتىپ تاماق يېگەنلىكىنى بىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزا- بازارلارغا چۈشكەندە، مەكتەپلەردىكى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىللە چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاساسلىقى قوللانما تولدۇرۇش، سۈرەتكە تارتىش، كارتا سۈركەش، ئىمزا قويۇش قاتارلىق بۇ تەكرار ئەمگەكلەرنى قىلدۇرىدۇ. ھازىر تەكرار قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتتى، ئوقۇغۇچىلار جىددىيلىشىۋاتىدۇ».

  −− «توردىكى يۈك» ئېغىر بولماقتا. بىرىنچى سەپتىكى مەلۇم ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مائارىپ سىستېمىسىدا ئادەم سانى كۆپ بولغاچقا، ھەر خىل APP چۈشۈرۈش، جامائەت سۇپىسىغا ئەگىشىش، دوستلار چەمبىرىكىدە يۈرەك بېرىش، توردا سوئال قەغىزىگە جاۋاب بېرىش قاتارلىق «توردىكى يۈك»لەر كۆپ ھاللاردا ئوقۇتقۇچىلارغا زورمۇزور تېڭىلىدۇ، نۇرغۇنلىرى ھەتتا «ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈكى»گە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دېدى: «دائىم بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى سەپەرۋەر قىلىمىز، سىنىپ مەسئۇلى توپتا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار سۈرەت كېسىپ ئىسپات قالدۇرىدۇ، توردا بىر بېلەت تاشلىتىش ئۈچۈن باشقىلارغا يالۋۇرۇش كۆپ بولغاچقا، ئاتا-ئانىلارمۇ زېرىكىش كەيپىياتىدا بولماقتا».

  «كېسەللىك يىلتىزى» دەل شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتلىقتا

  خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى چيۇشيەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى خەن مىڭياۋ: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ. پەقەت مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن زېھنىنى ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ»، دېدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق − بەزى جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقان «كېسەللىك يىلتىزى» ئىكەن. بەزى ئوقۇتقۇچىلار مۇنداق ئىنكاس قىلدى: «تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىشتا ئالدى بىلەن ماتېرىيال يېزىش كېرەك، ماتېرىيال بولغاندىلا ئاندىن سىزنىڭ ئىش قىلغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ، ھازىر‹ماقالە يېزىش بەك كۆپ بولۇپ كەتتى».

  «نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېزىلارغا چۈشۈپ نامراتلارنى يۆلىشى جەدۋەل تولدۇرۇپ سانلىق مەلۇمات ئىشلەش، رەسىمگە تارتىپ كارتا سۈركەش دېگەندەك ئۈنۈمسىز ئىشقا ئايلىنىپ قالدى». ئۈچ نامرات ئائىلە بىلەن قوشماقلاشقان بىر ئوقۇتقۇچى: «ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ئۆزىمۇ نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىر خىل مۇھىم يولى، ئوقۇتقۇچى ھەممىگە قادىر ئەمەس، نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك»، دەپ قارىدى.

  بىيۇروكراتلىقتىن شەكىللەنگەن يۈكلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەتلىك زېھنىي كۈچى ۋە ۋاقتىنى غاجىلىماقتا. شەرقىي شىمالدىكى بىر ئوقۇتقۇچى مۇخبىرغا بەزى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرى يازغان ماقالىلەرنى مەكتەپ توپىغا يوللاپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدىن تارقىتىشنى، يۈرەك بېرىشنى ھەمدە سۈرەت كېسىپ توپقا يوللاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مۇتەخەسسىسلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي كەسىپ ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىش كېرەك، دېدى

  بۇ يىل 9-ئايدا، مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى «ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ مائارىپ، ئوقۇتۇشقا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»گە قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، پىكىردە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقا ئىشقا ئاجرىتىش قاتارلىق ئىشلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قاتتىق ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ كۆپ قېتىم ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جايلارنىڭ يەنىلا سىستېمىلىق، كونكرېت تەدبىر چارىلىرى كەمچىل بولماقتا. زىيارەت قىلىنغان ئاساسىي قاتلام مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتىنى ئىگىلىۋېلىشتىن ئىبارەت بۇ ناچار ئىستىلنى توسۇشتا، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  «باشقۇرىدىغاننى باشقۇرۇشقا تەۋە قىلىش، ئوقۇتۇدىغاننى ئوقۇتۇشقا تەۋە قىلىش كېرەك». خەن مىڭياۋ تونۇشتۇرۇپ: بۇ يىل چيۇشيەن ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى پائال يېنىكلەتتى، «بىز ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، فۇنكسىيەسى ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان كەسپىي خىزمەتلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەيمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  _______________________________

  مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:

  ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ