مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەتئەلدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

جۇڭگو دۇنياغا تۈزۈم ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى

2019.11.04 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، چەتئەلدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ قىزغىن دىققىتىنى قوزغىدى.

  «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھىم نۇقتىسىدا، ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ 13 روشەن ئەۋزەللىكى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىشەنچى ۋە قەتئىيلىكى نامايان قىلىندى.» چېخىيە جۇڭگو ـ ياۋروپا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇاڭ بو مۇنداق دېدى: «ئاخباراتتا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئىنتايىن كونكرېت بولۇپ، "گۆدەكلەر تەربىيە كۆرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش" دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى نامايان قىلدى.»

  «تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى بولسا ئىجرا قىلىشتا.» كېنىيە جۇڭخۇا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جو ۋۇ: «قانداق دۆلەت تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك» دېگەن بۇ تارىخىي تېما توغرىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، بۇنىڭغا ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆزگىچە بولغان جۇڭگوچە جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئەۋزەللىك شۇكى، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتتە مۇستەقىل ھالدا ئىش كۆرۈش ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش بىلەن ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئىدىيىسى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن خەلقئارا سودا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدىكى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇم. ئىسلاھات توختىمايدىغان ۋە ئېچىۋېتىش قەدىمى توختىمايدىغان جۇڭگو دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.»

  ئاۋسترالىيە خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ جىۋېي: جۇڭگو نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى بېسىپ بولدى، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا «پارتىيەنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»تا. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ج ك پ 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە ۋە سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇقلاندى. مەن ئاۋسترالىيەلىك بەزى زاتلار بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ يېزا-كەنتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردۈم، ئۇلار جۇڭگونىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. جۇڭگو ئىشەنچ بىلەن دۇنياغا ئۆزىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك دوستلارغا تېخىمۇ ھەقىقىي جۇڭگونى چۈشەندۈردى.»

  موسكۋا كۇڭزى مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ يەنبىن پەخىرلەنگەن ھالدا: «رۇسىيە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خەۋىرىنى ۋاقتىدا تارقاتتى ياكى ئېلان قىلىپ تۇردى. رۇسىيەلىك نۇرغۇن دوستلار ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقتى، ئۇلار ماڭا جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە تەجرىبىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. يەنە رۇسىيەلىك دوستلار ماڭا ئالايىتەن تېلېفون بېرىپ، جۇڭگونىڭ مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە يەنىلا ئىرادە ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان چوڭ دۆلەتلىك سالاپىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ماختىدى.» دېدى .

  10- ئاينىڭ 29- كۈنى، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1- تومى ۋە 2- تومىڭ پورتۇگالىيە يېزىقىدىكى بىرازىلىيە نۇسخىسىنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى بىرازىلىيە سان پاۋلودا ئۆتكۈزۈلدى. زىيارەت داۋامىدا بۇ ئىش تىلغا ئېلىنغاندا، بىرازىلىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ لىدىرى فاڭ جې مۇنداق دېدى: «بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بۇ تۇنجى تارقىتىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، بىرازىلىيەدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار چوڭقۇر ئىلھاملاندى.» فاڭ جېنىڭ قارىشىچە، ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا 13 تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

  «جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىلھام بېرىدۇ.» دېدى، كانادا جۇڭخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى چاڭ جيەنگو. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا "دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇش" ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەدەنىي تەرەققىيات يېڭى يولى ئېچىلدى. بۇ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولۇش ۋە نارودنىكلىق كۈچلىرى قىيىن بولۇشتەك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشىدا ئىلھام بېرىش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو دۇنيا بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئۈلگىسى، ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا تىلغا ئېلىنغان "خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئورتاق باي بولۇش يولىدا مېڭىش" قاتارلىق مەزمۇنلار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئۆرنەك ئېلىش خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ