مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى نيۇيوركتا شىنجاڭ، شياڭگاڭ ۋە شىزاڭ قاتارلىق رايونلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2019.10.28 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىرلىكتە 25- چېسلا جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا يىغىن ئاچتى. يىغىنغا شىنجاڭ، شياڭگاڭ ۋە شىزاڭ قاتارلىق رايونلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو خەلقئارا ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلدى. يىغىندا، مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات، دىنىي سىياسەت، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى ۋە بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چاڭ جيەن جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي سىياسەتلەرنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى، ھەمدە جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ھەر خىل دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. جۇڭگودا ھەر قايسى مىللەتلەر باراۋەر ۋە ئىتتىپاق، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىشىدەك مىللىي سىياسەت يولغا قويۇلغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنغان ۋە ئۇ قوغدالغان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتكىچە ئىناق ئۆتۈشى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ھەمدە مەدەنىيەت جەھەتتىكى سىجىل ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن ھالدا ئىزدىنىشى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاقىلانە بىر تەدبىر بولۇپ، شۇ ئارقىلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغداشقا بولىدۇ.

  جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: تولۇق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش قىلىش نىشانىدۇر. نۆۋەتتە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەرەققىياتقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە يېڭىچە تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.

  جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن شىنشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى بويىچە ئىش قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى مۇستەھكەملىدى. بۇ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى چىن قەلبىدىن تېخىمۇ ھىمايە قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە شياڭگاڭدا نۆۋەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، يەنى قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، ھەمدە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە، شياڭگاڭدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ قاتتىق يولغا قويۇلۇشى بولسا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق ۋە ھەققانىي بولغان ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى گېساڭ جوما نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق شىزاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.

  جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ لىنشيا شۇ كۈندىكى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىگە كىرگەن كۇرسانتلارنىڭ چېكىنى قانداق ئايرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ