مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە سۆزلەشتە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك

2019.10.23 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا بەزى مۇتەخەسسىسلەر: تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى تۈزۈمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، تۇغقان يوقلاشنىڭ بارغانسېرى قولايلىشىشى ۋە دەم ئېلىشنىڭ بارغانسېرى كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. خەۋەر چىقىشىغىلا، جامائەت پىكرى قىزىپ كەتتى. ئەسلىدىنلا جۇڭگودا خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، دەم ئېلىشنى يېنىكلىك بىلەن ئازايتىشقا بولمايدۇ.

  تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت يىراق جايدا ئولتۇراقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەم ئېلىش تۈزۈمى. بەلگىلىمە بويىچە، جورىسىنى يوقلاش ئۈچۈن، يىلدا بىر قېتىم 30 كۈنلۈك تۇغقان يوقلاش رۇخسىتى بېرىلىدۇ. توي قىلمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئاتا-ئانىسىنى يوقلىشى ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم 20 كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلىدۇ ياكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئىككى يىلدا بىر قېتىم 45 كۈنلۈك رۇخسەت بېرىشكە بولىدۇ؛ توي قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىنى يوقلىشى ئۈچۈن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم 20 كۈن رۇخسەت بېرىلىدۇ.

  نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى ناھايىتى ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە، ئۆيدە قالغان بالىلار، ئۆيدە قالغان ياشانغانلار كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل زۆرۈر ئېھتىياج. قىسىم قاتارلىق ئالاھىدە ئورۇنلاردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن باشقا بايراملار تۇغقان يوقلاش رۇخسىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ئەھمىيىتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. لېكىن، قارىماققا ناھايىتى ئادەمگەرچىلىكتەك كۆرۈنىدىغان بۇ تۈزۈمنىڭ ئاممىۋى تۇرمۇشتىكى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ھەقىقەتەن تۆۋەن.

  لېكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈركى، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنىڭ بىر تۈرلۈك «ئۇيقۇغا كەتكەن» پاراۋانلىققا ئايلىنىپ قېلىشى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش ئېھتىياجى بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىمىزدا ئۇزاققىچە «ئازلاپ كېتىش» ھادىسىسى مەۋجۇت بولغانلىقىدىن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل پاراۋانلىقنىڭ بارلىقىنى پۈتۈنلەي بىلمەيدۇ، بەزىلەرنىڭ «دەم ئېلىشىغا بولمايدۇ»، يەنە بەزىلەر «دەم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ». قانداقلا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغقان يوقلاش رۇخسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولماسلىقى كېرەك.

  «دەم ئېلىشنى بىلمەيدىغان ئادەم خىزمەتنىمۇ بىلمەيدۇ». دەم ئېلىش تۈزۈمى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ زۆرۈر دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ «گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى»نىڭ بىر قىسمى. بولۇپمۇ تۇغقان يوقلاش رۇخسىتىدىن ئىبارەت ئادىمىيەت غەمخورلۇقىغا تولغان دەم ئېلىش ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي ئىدراك بىلەن ئويلاشقان دەم ئېلىش بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇ «دائىم ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇش»تىن ئىبارەت قېرىنداشلىق مېھرى ئۈچۈن قولايلىق يول ئېچىپ بېرىدۇ. مەيلى دەۋر قانداق ئۆزگەرسۇن، بۇ يولنى ئاسانلىقچە ئېتىۋەتمەسلىك كېرەك.

  ئاممىنىڭ تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى توغرىسىدا ناتونۇش ھېس قىلىشى دەل ئۇنىڭ رېئاللىقتا ئەمەلىيلىشىشىنىڭ قىيىنلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى بولسا كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىشىغا يەنىلا زور ئۈمىد باغلىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر كۆچمە جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، يەنە سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ قۇربان بېرىشى ۋە تۆھپە قوشۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، گەرچە ھازىر تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش تەس بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ جىددىي مەسىلە ھەرگىزمۇ بۇ پاراۋانلىقنى ئالدىراپ بىكار قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇ پاراۋانلىقنى قانداق ياخشىلاش، ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئاكتىپلاشتۇرۇش، قانداق قىلىپ ئۇنى مائاشلىق دەم ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەر بىلەن ھەمتۈرتكە قىلىشتۇر.

  ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، ئاممىنىڭ بايرام-دەم ئېلىش ۋاقتىنى كۆپەيتىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشىغا ئىلھام بېرىش − جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنىڭ ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى، مەشغۇلاتچانلىقى قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلاردا ياخشىلىنىش بوشلۇقى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەيلى تۇغقاندارچىلىق مېھرى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىش بولسۇن ياكى ئاممىنىڭ دەم ئېلىش پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا بولسۇن، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى بىراقلا بىكار قىلىش ئالدىراڭغۇلۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە خېلى كۆپ بولدى، ئالاقىدار تارماقلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەل رايىنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلەپ، تۇغقان يوقلاش رۇخسىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىغان لايىھەنى تېپىپ چىقسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ