جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

2019.10.31 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  29- ئۆكتەبىر، نيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا، جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى شەرھلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ يالغان پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ ئەيىبلىشىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا ئاياغلاشقان ب د ت يىغىنىنىڭ 3- كومىتېتى يىغىنىدا، بېلارۇسىيە 54 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلدى، 30 نەچچە دۆلەت ئايرىم سۆز قىلدى، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىدى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» نامى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشىغا قارشى تۇردى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ھەق-ناھەقچىلىككە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆز پىكرلىرى بار، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسىدۇر. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە شىنجاڭ قوللانغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ قوللانغان ھەرىكەتلىرى بىلەن ماھىيەتلىك پەرق يوق، ئۇنىڭ قانۇن ئاساسى بار، خەلق رايىغا ياقىدۇ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى دىن ۋە ئىرقى كەمسىتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر پاكىتلارغا پىسەنت قىلماي، پاكىتلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئورۇنسىز ئەيىبلىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، ب د ت دا قەستەن قارشىلاشتى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە بۇ خىل قىلمىشنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. بىز ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرماسلىققا، خاتا يولدا ماڭغانسېرى رېئاللىقتىن يىراقلاپ كەتمەسلىككە ئۈندەيمىز.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىزچىل ئوچۇق ۋە ئاشكارا ھالەتتە تۇرىدۇ، ب د ت ئەمەلدارلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلار ۋە دىنىي زاتلار قاتارلىق 1000دىن ئارتۇق كىشىنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىتىشلىرىدىن چىقارغان يەكۈنلىرىگە ئاساسلانساق، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ دېگەنلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بىز يەنە كۆپ قېتىم ب د ت نىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملىرىنى تەكلىپ قىلدۇق، ھەمدە بۇ جەھەتتە ب د ت بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ كەلدۇق. چۈشىنىكسىز يېرى شۇكى، ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىغا جۇڭگو رۇخسەت قىلسۇن، دېدى-يۇ، يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان ب د ت ئەمەلدارلىرىغا بېسىم ئىشلەتتى ۋە ئۇلارغا كاشىلا قىلدى. بۇ خىل بىر-بىرىگە زىت ئۇسۇل ئۇنىڭ يوشۇرۇن سىياسىي مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى.

  جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ھەرقانداق دۆلەت كۆلىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىدىن قەتئىي نەزەر، «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، خەلقئارا ئىشلاردا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى ۋە ئىجابىي ئۇسۇل بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك، بولمىسا، ئاتالمىش تەسىر كۈچى ۋە ئىناۋەتدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو ئەزەلدىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىدىمۇ پەرق بولىدىغانلىقىنى، ئىختىلاپلارنى باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ھەمدە سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە ب د ت دا قارشىلىشىشتەك بۇ خىل ئۇسۇل پۈتۈنلەي ئاقمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ