خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29- چېسلا چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ھەمدە جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ كومىتېتلىرىنىڭ 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقان جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مابۇزا بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا بولسا، ئافرىقىدىكى مۇھىم دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرۈشتى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ۋە جۇڭگو-ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ