مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كونا قائىدە ۋە ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك!

−− قىسمەن يېزا رايونلىرىدا ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەكشۈرۈش

2019.11.05 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېزىدا، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىش. قايسى ئۆينىڭ مۇراسىمنى چوڭ ئۆتكۈزۈشى، قايسى ئۆيدىكىلەرنىڭ سوۋغات پۇلىنى كۆپ يىغقانلىقى، كىمنىڭ بالىلىرىنىڭ مۇراسىمغا باش بولغانلىقى دېگەندەك ئىشلار ئىزچىل دېھقان ئاممىسىنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.

  بۇنىڭ بىلەن، يېزىلاردىكى ھەشەمەتچىلىك قىلىش، بۇزۇپ- چېچىش، ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىر مەھەل ئەۋج ئېلىپ، نۇرغۇن دېھقان ئاممىسى ئېغىر ئادەمگەرچىلىك قەرزى، پۇل قەرزىنى ئۈستىگە ئالدى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلق گېزىتى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، خەتتە يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا، ناچار ئادەتلەرنى تېزدىن تۈگىتىش، ناتوغرا ئىستىللارنى تېزدىن تۈگىتىش مۇراجىئەت قىلىنغان ئىدى.

  يېقىندا، خەلق گېزىتى مۇخبىرى بىر قىسىم يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم- ېتىم ئىشلىرىنى قانداق ئويلايدىغانلىقىنى، قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىدى.

  «سەھرادىكى مۇھەببەتنى»نى ئاسانلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن تەسمۇ؟

  «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» بېرىشتىن «مۇھەببەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش»كىچە، پەقەتلا بىر يۈز- ئابروي مەسىلىسى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۇدىلىشىشتا، تويلۇق ئېلىپ بېرىش بىر ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى تەرەپ بىللە ئولتۇرۇپ توي-تۆكۈن توغرىسىدا پاراڭلىشىشتا، تويلۇق يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانغان «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» تىلغا ئېلىنغاندا، خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ ناھىيەسى لاڭگۇڭمياۋ بازىرى ماۋجۇاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ياڭ جېنرۇڭ: «قىز بالا بېقىش بانكا ئاچقانغا ئوخشايدۇ، ئوغۇل بېقىش ئاچارچىلىقتا قالغانغا ئوخشايدۇ»، دېگەن قوشاقنى ئوقۇدى. ئۇ: «توي قىلىش بەك ئەسەبىيلىشىپ كەتتى، ماشىنا، ئۆي ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئېلىپ بەرمىسە بولمايدۇ، بولمىسا، يېنىك بولغاندا كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھېسسىياتىغا، ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەق مەيداندا يۈز ئۆرۈشۈپ، ھەتتا توي قىلىشمۇ مۇمكىن بولماي قالىدۇ»، دېدى.

  تويلۇق سەۋەبلىك، بەزى «سەھرادىكى مۇھەببەتلەر» ئانچە گۈزەل بولماي قالماقتا. بۇ سەۋەبلىك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جايلار، تارماقلار ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك تەشەببۇس قىلىپ، تەشۋىق-تەربىيە، تويلۇق سوممىغا چەك قويۇش بەلگىلىمىسى قاتارلىق بىر قاتار چارىلەر ئارقىلىق، دېھقان ئاممىسىنى «مۇھەببەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش»كە يېتەكلىدى. شىنشياڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېي: «بىز يېزىلاردىكى تويلۇقنىڭ ئادەتتە 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردۇق. بۇ، ئەمەلىيەتتە پۇقرالارغا بىر ‹شوتا› بولدى، بۇنداق بولغاندا ھەم يۈز خاتىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ھەم توينى خۇشال-خۇرام قىلغىلى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىنتايىن قوللىدى»، دېدى.

  مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا، تويلۇق مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ تونۇشى، روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى فاڭجېڭ ناھىيەسى فاڭجېڭ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى گاۋ شوۋشىڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى يىللاردا، نۇرغۇن يېزا كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى نامرات ئىدى، بولۇپمۇ يېشى چوڭىيىپ قالغاندا ئەمگەك قىلالمايدىغانلىقتىن، ئاساسىي جەھەتتىن كىرىمى يوق بولاتتى، شۇڭا تويلۇققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ھازىر تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كاپالىتىمۇ كۆپەيدى، نۇرغۇن ئائىلىلەر قىزىنى ياتلىق قىلىپ تويلۇق ئېلىشتا، ئاساسلىقى قىزىنىڭ غېمىنى يەيدۇ، بالىلىرىنىڭ ئائىلە قۇرۇشى ئۈچۈن كۆپرەك ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

  جۇڭگو خەلق داشۆسى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىيات شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋېن تيېجۈننىڭ قارىشىچە، تويلۇقنىڭ كۆپ بولۇشى ماھىيەتتە بىر «يۈز-ئابروي» مەسىلىسى ئىكەن. بەزى دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى تويلۇق ئېلىش ئەمەس، پەقەتلا ئوغۇل تەرەپ تويلۇق تىزىملىكىگە پۇل سوممىسىنى كۆپرەك يېزىپ قويسا، ئۆپچۆرىدىكىلەر بۇنى كۆرسە، ئۆزلىرىنىڭ يۈزى يورۇق بولىدىكەن. تويدىن كېيىن ئۇلار تويلۇق پۇلنى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى قىلىنىدىكەن.

  ئادەمگەرچىلىك قەرزى ئالدىدا، كىملەر نەپكە ئېرىشتى؟

  بېرىش-كېلىش تېخىمۇ قۇيۇقلاشتى، لېكىن كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىشىشى ناتايىن.

  مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا «چاغاندا مۆكۈش» دېگەن يېڭى سۆزنى ئاڭلىدى، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، بەزى كىشىلەر ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە، يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ھەر خىل بېرىش-كېلىشلىرى، مەسىلەن، توي قىلىش، ئۆي سېتىۋېلىش، چاغاندا پەتىلەش قاتارلىقلاردىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن، ئۆيگە قايتماسلىقنى تاللايدىكەن، بولمىسا ئادەمگەرچىلىك يۈكى سەۋەبلىك سىرتتا بىر يىل جاپالىق ئىشلەپ، تاپقان پۇلنىڭ يېرىمى قۇرۇقدىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئادەتتە ھەر خىل «ئادەمگەرچىلىك زىياپەتلىرى»مۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. ئۆي سېلىش، دۇكان ئېچىش، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش، بالا تۇغۇش، بالىسى 10 ياشقا كىرىش، قۇرامىغا يەتكەنلەر 36 ياشقا كىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلارنىڭ ھاراق زىياپىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ نامى بولالايدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇن زىيارەت ئوبيېكتلىرى: تەكلىپ قىلىنغان ئىكەنمىز بېرىش كېرەك، بارغانكەنمىز سوۋغا-سالام ئاپىرىش كېرەك، ئەگەر بارمىساق، باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن قورقىمىز، دېدى. «بىر يىل قەھەتچىلىكتە ئۆتۈشكە رازىكى، ئادەمگەرچىلىكتە يۈزى چۈشسە بولمايدۇ»، نۇرغۇن كىشىلەر «جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ» بارىدىكەن، ھەتتا ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى سوۋغات سۈپىتىدە ئاپىرىپ بېرىشتىن يانمايدىكەن.

  ئادەمگەرچىلىك شامىلى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئادەمگەرچىلىك قەرزى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتمەكتە، بەزى كىشىلەر ئىلگىرى سوۋغا قىلغان پۇللار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، بىرەر ئىش بولغاندا زىياپەت ئۆتكۈزمىسەك ئۆزىمىزگە زىيان بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا، ھەر خىل خۇشاللىق ئىشلار نامى بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، سوۋغات قوبۇل قىلىدىكەن. خېنەن داشۆسى پەلسەپە ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جاۋ يەنفېڭنىڭ قارىشىچە، يېزا رايونلىرىدا بېرىش-كېلىشلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئادەمگەرچىلىكنىڭ تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولۇشى ناتايىن ئىكەن.

  خۇارۇڭ ناھىيەسى جىخېدۇ بازىرى زىنەن كەنتىنىڭ ئاھالىسى خۇ جېڭيۆ چوڭقۇر ھېس قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم ھاراق زىياپىتى ئۆتكۈزسەك بىر مۇنچە ئادەم كۈچىنى سەرپ قىلىمىز، ھېسابلاپ باقساق ئۆزىمىزمۇ ھېچقانچە پۇل ئېشىنالمايمىز، كۆكتات سېتىۋېلىش، ئاشپەز چاقىرىشنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ، بىر ئۈستەل تاماق ئۈچۈن تۆت-بەش يۈز يۈەن كېتىدۇ؛ تاماكا تېخى بەك ناچار بولسا بولمايدۇ، زىياپەتنى ياخشى قىلالمىساق، يەنە باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرىگە قالىمىز».

  ئادەمگەرچىلىك قەرزى ئالدىدا، ھەر بىر ئائىلە يېڭىلگۈچى بولۇپ قالدى.

  قانداق قىلغاندا ھەقىقىي «يۈز-ئابرويلۇق» بولغىلى بولىدۇ؟

  بىلىشلا يېتەرلىك ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى قارشى تۇرۇش كېرەك. نۇرغۇن كونا قائىدە-يوسۇنلار، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەر «ئابروي»دىن كېلىپ چىققان ئىكەن، ئۇنداقتا «ئابروي» جەھەتتە خىزمەت ئىشلەش لازىم. جياڭشى نەنچاڭنىڭ شىخۇ رايونى تاۋخۇا بازىرى گۇەنجوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ نەنجىڭ مۇنداق دېدى: «بىز دائىم كەنتتىكى ئابرويلۇق پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى، ياشانغانلارنى بېقىش، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باھالاش ئېلىپ بارىمىز. بىر كەنتنىڭ چوڭلۇقى مۇشۇنچىلىكلا، كەنت ئاھالىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈشۈپ قالىدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتلەرنىڭ ئاشكارا تەنقىد قىلىنىشىنى خالايدۇ؟ يۈز-ئابرويى يول قويمايدۇ-دە!» مۇشۇنداق چىڭ تۇرغاندا، ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ياخشى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ.

  ئەنئەنە بولمىسا، مەدەنىيەتمۇ بولمايدۇ؛ لېكىن، ئەنئەنىدىكى كونا قائىدە-ئادەتلەرنى شاللاش بولمىسا، ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئاممىسىنىڭ ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ھازىر ھەر بىر ئائىلىنىڭ نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى بايقىدى. كەلگۈسىدىن قارىغاندا، كېيىنكى ئەۋلادلار تېخىمۇ مەنپەئەتلەنگۈچى بولىدۇ.

  ئاشۇ كونا قائىدە ۋە ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك، قانچە بالدۇر ئۆزگەرتسەك شۇنچە ياخشى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ