مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالاقە تورلىرىدا ساختا جامائەت سۇپىسى پەيدا بولدى، ئېھتىيات قىلىڭ !

2019.10.23 13:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالاقە تورى دەۋرىدە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدامچىلىقلىرىنىڭ يېڭى-يېڭىلىرى چىقىپ تۇرماقتا. يېقىندا، بىر خىل يېڭىچە ئالدامچىلىق پەيدا بولدى: يەنى، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مۇنتىزىم ئاپپارات قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ياكى ساختىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ سودا-سانائەت بانكا كارتىسىنى ئېلىپ ئىشلىتىش، قانۇنىي ئىگە ئۇچۇرى ئارقىلىق ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دېگەندەك ئالدامچىلىقلارنى قىلدى. يېقىندا، تېڭشۈن ئۈندىداردا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ھازىرغا قەدەر، ساختا ئالدامچىلىق تۈرلىرىدىكى 45 مىڭ جامائەت سۇپىسىغا زەربە بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا، بۇ خىل ساختا سۇپىلارنىڭ تۈرى كۆپ. ئۈندىدار تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلارنىڭ تۈرى خىلمۇخىل بولۇپ، بەزىلىرى خېرىدار ئىناۋەتلىك كارتىسىنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن دېگەن نام بىلەن خېرىدار مۇلازىمىتى ئارقىلىق خېرىدارنى ساختا بانكا جامائەت نومۇرىغا كىرگۈزۈپ، كودنى سكاننېرلاپ چىقىم قىلغۇزىدىكەن؛ يەنە بەزىلىرى «ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» مۇلازىمىتى دېگەن ساختا مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۆرسىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ قىزىق نۇقتىسىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت قىياپىتىگە ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئېلىش ئاپپاراتى ۋە تارمىقى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ساختا مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  ئەمەلىيەتتە، توردا ۋاكالىتەن رويخەتكە ئالدۇرغان ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن شەخسلەر ۋە ئاپپاراتلار كۆپ بولىدۇ، بەزى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا ھەتتا جامائەت نومۇرىنى «ۋاكالىتەن سېتىش، ئىجارىگە بېرىش»كە بولىدۇ. جامائەت سۇپىسىنى رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىمۇ ئىنتايىن ئاددىي. بەزى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە: رويخەتكە ئېلىش سۇبيېكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى شەخسىي نومۇر ۋە كارخانا نومۇرى، دەپ ئايرىلىدۇ، شەخسلەر رويخەتكە ئالدۇرغان جامائەت سۇپىسىنىڭ تەرتىپى ئاددىي، پەقەت بىر قىسىم ماتېرىياللارنى تولدۇرسىلا رويخەتكە ئالدۇرغىلى بولىدۇ. كارخانا نومۇرى ئېلىشقا ئىسپات بېرىشتە ئاپپارات ياكى كارخانىنىڭ كىنىشكىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار لازىم بولسىمۇ، لېكىن، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق دائىرىسىگە ئېرىشكىلىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، چىقىم يولى ئېچىش دېگەندەك.

  ساختا جامائەت سۇپىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى قانچە ئەۋج ئالغانسېرى، سۇپا ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. تور سۇپىسى تەرەپ ئالدى بىلەن جامائەت سۇپىسىنىڭ ساختىلىق ئەھۋالىنى مەنبەدىن توسۇپ، رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، سۇپا تەرەپ يەنە مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈشكە كىرىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەپ، ئابونتلارنىڭ كارخانا جامائەت سۇپىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشىدا ھۆكۈمەت ئاساسىغا ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك؛ رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا نومۇرىنىڭ ھېساباتىغا قارىتا، ئاسانلىقچە چىقىم قىلىش يولىنى ئاچماسلىق كېرەك، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى كۆپەيتىشكە ياكى بەلگىلىك تىجارەت يىل چېكى تەلىپىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساختا جامائەت سۇپىسىغا زەربە بېرىپ، بىنورمال ئەھۋاللارنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، باشقۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆپ قىسىم تور ئەھلىلىرىنىڭ ساختا ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناتونۇش جامائەت سۇپىسىغا خالىغانچە كىرمەسلىك كېرەك، مۇھىم ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، مەسىلەن، رەسمىيەتلەر كىملىك، بانكا كارتىسى ھېسابات نومۇرى ۋە دەلىللەش نومۇرى قاتارلىقلارغا چېتىلغاندا، جامائەت سۇپىسىنىڭ راست-يالغانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ساختا جامائەت نومۇرىنى بايقىغاندا ۋاقتىدا پاش قىلىش كېرەك. ئالدانغان ھامان دەلىل-ئىسپاتنى ۋاقتىدا ساقلاپ ۋە پاش قېلىش كېرەك.

  جامائەت سۇپىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەسلىدە كەڭ تور ئەھلىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىدى، ھازىر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ساختىلىق قىلىپ، قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەت قوغلاشماقتا. تور ھەرگىز قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، پەقەت ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، ئاندىن «ساختا جامائەت سۇپىسى» يامراپ كېتىدىغان ياشاش تۇپرىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقىلى بولىدۇ. ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ساختىلىق قىلغۇچىلارنى ساختىلىقنى قايتا پەيدا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر يەنە تور ئۇچۇرلىرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ۋە بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ساختا ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۇلارغا مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، يەنە ئالاقىدار جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ساختىپەزلەرنىڭ تور ئالدامچىلىقى ياكى توختام ئالدامچىلىقى قاتارلىق جىنايى جاۋابكارلىقلارنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش قىلىش كېرەكلىكى تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ