جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2019.11.01 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 202 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 169 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن قىسمەن يولداشلار، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

  ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىن بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركىسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇملۇقنى توغرا ئىگىلەپ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەتنىڭ بۇ باش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە يېتەكلىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى پارتىيەنىڭ قەلبى، ئارمىيەنىڭ قەلبى ۋە خەلقنىڭ قەلبىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى ۋە مۇجەسسەملىدى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئىسلاھاتنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى غەلىبىلىك تاماملاندى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ساغلام ۋە مۇقىم راۋاجلاندى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش خىزمىتى كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلەندى، دۆلەت مۇداپىئەسى سىستېمى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭىدىن زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ