مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلار يېمەكلىكى سېتىۋالسىڭىز، ھەييار-ھېلىگەرلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ

2019.11.06 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش باسقۇچىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇناسىپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تېزدىن تۈزۈپ، بالىلار يېمەكلىكى بەلگىسى ۋە ئېلان تەشۋىقاتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېقىندا، بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بازاردىكى بەزى «بالىلار يېمەكلىكلىرى»، «تۇز ئاز»، «ئوزۇقلۇق»، «ساغلاملىق»، «ئورگانىك» دېگەندەك ھەييارلىق يوشۇرۇنغان گەپلەر ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمەلىيەتتە ئۇ خىل ماللاردا پەقەت ئورالمىسى، مىقدارى ۋە تەمىلا ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ماللارنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان بولسىمۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ باھاسى قاتلانغان، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇنى بىلمەي بەس-بەستە سېتىۋېلىشماقتا ئىكەن.

  ھەممە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بالىلىرىغا بېرىشنى ئويلايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بالىلارغا يېمەكلىك تاللىغاندا، ئاتا-ئانىلار قىلچە بېخىللىق قىلمايدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم سودىگەرلەر بالىلار يېمەكلىكلىرىنى كۆپتۈرمەكتە. نۇرغۇن چوڭ تاللا بازارلىرى ھەتتا بالىلار يېمەكلىكى مەخسۇس رايونىنى ئالاھىدە تەسىس قىلىپ، «بالىلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىچىملىك سۇ، چۆپ، جۇۋاۋا، كالا گۆشى، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر، تەم تەڭشىگۈچلەر دېگەندەكلەرنى ساتماقتا. بۇ تاۋارلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك ۋە كارتون سۈرەتلىك دېگەندەك ئوماق كۆرۈنىدىغان ئورالمىلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۇلار كىچىك دوستلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا-ئانىلارمۇ ئەرزىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  لېكىن، بۇ «بالىلار يېمەكلىكلىرى» راستتىنلا بالىلارغا ماس كېلەمدۇ؟ تەركىبىگە تەپسىلىي قارىساق، بەزىلىرى ئوخشاش تۈردىكى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن پەرقلەنمەيدۇ، بەزىلىرىگە تېخىمۇ تەملىك مۇئەتتەر قوشۇلغان؛ يەنە باھاسىغا قارايدىغان بولساق، كۆپ قىسمى ئوخشاش تۈردىكى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن خېلىلا قىممەت، بەزىلىرى نەچچە ھەسسە قىممەت. مەسىلەن، مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا بالىلار ئۈچۈن تۈگۈنەك قىچا سېتىلغان، ئورالمىسىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان «بالىلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان، لېكىن، ئوزۇقلۇق جەدۋىلىدە ئەسكەرتكەن يېرىدىكى ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ناترىي قاتارلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى تۈگۈنەك قىچا بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن.

  ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىتىن قارىغاندا، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاندىن تەدرىجىي ھالدا يېتىلىپ مۇكەممەللىشىدۇ، يەنى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا ئاشقازان-ئۈچەي پەقەت ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرگىلا ماسلىشالايدۇ، شۇڭا، بالىلارنىڭ يېمەكلىكى بىلەن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاش تۈردىكى ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن يۇقىرى بولسا، ئاندىن بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ يېتىلىشىگە ماسلىشالايدۇ. بۇ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك تەركىبى ۋە رېتسىپى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر بازاردىكى بۇ خىل «بالىلار يېمەكلىكلىرى» پەقەت بەزى سودىگەرلەرنىڭ نىقاب كۆتۈرۈۋېلىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپتۈرۈش ئۇقۇمىدىنلا ئىبارەت، خالاس.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار سۈت پاراشوكى، گۈرۈچ ئۇنى ۋە لاي تۈرىدىكى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى بېكىتتى، لېكىن، 3 ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ يېمەكلىكىگە قارىتا قاراتمىلىق ئۆلچەم يوق، ئۇلار ئاساسلىقى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن باشقۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە بازاردىكى ئاتالمىش بالىلار مەخسۇس يېمەكلىكى، مەسىلەن، بالىلار جياڭيۇسى، بالىلار سۈتى، بالىلار ئۈگرىسى، بالىلار پىرەنىكى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھازىرچە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ۋە مەخسۇس قانۇن-نىزاملار كەمچىل بولغاچقا، پايدىنىلا كۆزلەيدىغان سودىگەرلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، «بالىلار يېمەكلىكى» بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقنى تېپىۋالدى، بۇ ئەھۋالنى تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  ھەر خىل ئاتالمىش «بالىلار يېمەكلىكى»گە قارىتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. بىر تەرەپتىن، بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش باسقۇچىدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇناسىپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالىلارنىڭ يېمەكلىك بەلگىسى ۋە ئېلان-تەشۋىقاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، «بالىلار يېمەكلىكى» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان، ناچار يېمەكلىكلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان كارخانىلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، قاتتىق قول بولۇپ، بالىلارنىڭ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ