شى جىنپىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ساراينى كۆزدىن كەچۈردى

2019.11.06 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- چېسلا شاڭخەيدە 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ساراينى كۆزدىن كەچۈردى.

  شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدى بىلەن فىرانسىيە سارىيىغا كەلدى. ماكرون شى جىنپىڭنى فىرانسىيەنىڭ قىزىل ھارىقى ۋە كالا گۆشى يېمەكلىكلىرىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. نەق مەيداندىكى فرانسىيە كارخانىچىلىرى بەس-بەستە شى جىنپىڭغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فرانسىيە كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، دەپ قارايدۇ، بىز جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرى ناھايىتى چوڭ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ، مەن فرانسىيە كارخانىچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى قىزىققان ھالدا ماڭغاچ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆردى. شى جىنپىڭ قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كىردى. تانزانىيەنىڭ مۇقاتىل، گرېتسىيەنىڭ ئېسىل تائاملىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى، ئىتالىيەنىڭ ئۈزۈم ھارىقى، يامايكىنىڭ لەنشەن قەھۋەسى، رۇم ھارىقى تورتى، ھىندىستاننىڭ پالما مېيى، رۇسىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە ئاپتوموبىللىرى كۆزنى قاماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ