مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى موررىسون بىلەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى

2019.11.05 14:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن باڭكوكتا شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى موررىسون بىلەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي پۇرسەت بىلىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان ئاساستا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ئوربىتىغا قايتىشى، ھەم مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئاۋستىرالىيە ھەمكارلىقى ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، ھەم ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ھەمراھى. نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  موررىسون جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاۋسترالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. ئاۋسترالىيە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋسترالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى، ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. جۇڭگو بىلەن مۇستەقىل ئالاقە قىلىدۇ. ئاۋسترالىيە جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ