شى جىنپىڭ 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، جۇڭگونىڭ يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.11.06 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11–ئاينىڭ 5–كۈنى شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە «ئوچۇق ھەمكارلىق تەقدىرداش بولۇش» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق روھىي ھالەت ۋە تەدبىر ئارقىلىق، ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەكىتلەپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى قايتا بايان قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ۋە چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىردى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ 2–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىل ئىلگىرى، بىز بۇ يەردە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزگەنىدۇق. بۈگۈن، تېخىمۇ كۆپ دوستلار دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى دوستلار خۇشال كېلىپ، رازى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. بۇلتۇر مەن تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بەش جەھەتتىكى تەدبىرىنى جاكارلاپ، شاڭخەيگە ئېچىۋېتىش بويىچە ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بىر يىلدىن بۇيان، بۇ ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تارىخ ئېقىمى. قايتما دولقۇنلار پەيدا بولۇپ تۇرسىمۇ، نۇرغۇن خەتەرلىك يوشۇرۇن خادا تاشلارغا ئۇچرىسىمۇ، لېكىن چوڭ دەريانىڭ ئۆركەشلەپ ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ھېچكىم توسۇيالمايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھېچقانداق بىر دۆلەت يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئوچۇق روھىي ھالەت ۋە تەدبىر ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيا بازىرىدىكى تورتنى زورايتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مېخانىزمنى پۇختىلاپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى جانلاندۇرۇپ، ئورتاق ھالدا ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىشى، توسالغۇلارنى تېخىمۇ كىچىكلىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ