شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى شاڭخەيدە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى

2019.11.06 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچتە شاڭخەينىڭ يۈيۈەندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى برىگىت بىلەن كۆرۈشتى.

  كەچقۇرۇن مەزگىلدە پانۇسلار ئېسىلغان ئىدى. يۈيۈەن باغچىسى ئىچىدىكى سۇلۇق كارىدور نۇر چاقناپ چىرايلىق تۈسكە كىرگەن ئىدى. ماكرون رەپىقىسى بىلەن يېتىپ كەلگەندە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ئۆزئارا سالاملاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى باغ سەيلىسى قىلدى، مېھمان بىلەن ساھىبخان ئارىلاپ توختاپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى باغ-ئورمان مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى باغ سەيلىسى قىلدى، مېھمان ساھىبلىرى پات-پات توختاپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى باغ-ئورمان مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ