لى كېچياڭ 22- قېتىملىق جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تايلاندنىڭ باڭكوكتا 22-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (10 + 1) رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ مەركىزى بولۇش ئورنىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئورتاق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەل رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغدىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تەڭ غەلبە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش «كېلىشىمنامىسى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى»نى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشنى تاماملاپ، ئىككىنچى قېتىملىق قاراپ چىقىشنى باشلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىپ بېكىتكەن ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە كېڭىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن . جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»تەشەببۇسىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئومۇمىي گەۋدىسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ بالدۇرراق بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەرقايسى تەرەپلەر «مىزان» كېڭىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، كېڭىشىش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىق ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىرلەشمە خىتابنامىسى»نىڭ (2021 -يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت پىلانى)نى تۈزۈپ چىقىش جاكارلاندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»، ئەقلىي شەھەر، تاراتقۇ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا چېتىلىدىغان بايانات ئېلان قىلىندى، 2020-يىلىنىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىلى بولىدىغانلىقى جاكارلاندى. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ