خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ۋە برازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بوسونارونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن برازىلىيەگە بېرىپ برازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 10- چېسلا مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى.
شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلار ئىچىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشلىقى خې لىفېڭ قاتارلىقلارمۇ بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ