مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو قانۇنچىللىق خەلقئارا مۇنبىرى (2019) ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2019.11.11 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قانۇنچىللىق خەلقئارا مۇنبىرى (2019) 11-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇاڭجوۋدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە خەت ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئوتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قانۇنچىللىق كاپالىتىگە مۇھتاج. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ئاشكارا خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ «جۇڭگو قانۇنچىللىق خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن، تۈزۈملەرنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ ياخشى رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو قانۇنچىللىق خەلقئارا مۇنبىرى (2019)نى جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى 40 نەچچە دۆلەت، تۆت خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ