مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇزۇن مۇددەت تىرناق ياسىسا راك پەيدا قىلامدۇ؟ بۇ خىل قاراش راستمۇ؟

2019.11.12 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۈزەللىكنى سۆيىدىغان نۇرغۇن قىزلار دائىم تىرناقلىرىنى ياساشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن «ئۇزۇن مۇددەت تىرناقنى گۈزەللەشتۈرسە راك پەيدا قىلىدۇ» دەيدىغان قاراش تارقالغان، بۇ راستمۇ؟ تىرناق ياسىغاندا قىزلار يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

  ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىكى تىرناق لاكىنىڭ تەركىبى ئادەتتە ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىر خىلى قاتتىق ھالەتتىكى تەركىب بولۇپ، ئاساسلىقى پىگمېنت ۋە چاقناش ماددىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بىر خىلى سۇيۇق ئېرىتكۈچى ماددا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئاتسېتون، ئېتىل ئاتسېتات، فتالاتلار ۋە فورمالدېگىد قاتارلىق ماددىلار بار، بۇ تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك ماددىلاردۇر، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى فتالاتلار ۋە فورمالدېگىدلار دەل شۇنداقتۇر.

  ئۇنداقتا، ئۇزۇن مۇددەت تىرناق ياسىسا راك پەيدا بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقتە ھازىر تېخى يەكۈن چىقىرىلمىدى، لېكىن، نۇرغۇن تىرناق ياساش دۇكانلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان تىرناق ياساس مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى لاياقەتسىز بولۇپ، ھەتتا بەزى سۈپەتسىز تىرناق لاكى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن ۋە ئارسېن قاتارلىق ئېغىر مېتاللار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى زىيانلىق تەركىبلەر سۈركىلىپ بولغاندىن كېيىنكى تىرناق ئارقىلىق بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، ئىشلەتكۈچىلەردە ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  تىرناق لاكى رېزىنكە بوغقۇچنى ئېرىتىپ ئۈزۈۋېتىدىكەن، دېگەن قانداق گەپ؟ ئەمەلىيەتتە تىرناق لاكى ئۇنىڭدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئېرىتكۈچ تەركىبى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئاتسېتون، ئېتىل ئاتسېتات، فتالاتلار ۋە فورمالدېگىد قاتارلىقلار بار. بۇ تەركىبلەر رېزىنكە بوغقۇچنى چىرىتىپ ئېرىتىۋېتەلەيدىكەن. ئۇنىڭدا شۇ خىل ئىقتىدارنىڭ بولۇشىنىڭ ئاساسى بولسا، "ئوخشاشلار ئوخشاشلاردا ئېرىش" پرىنسىپىدۇر. شۇڭا ئۇلار رېزىنكە بوغقۇچنى ئۈزۈۋېتەلەيدىكەن. يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، تىرناق لاكىنىڭ كۆپۈك تاختىسىنى چىرىتىۋېتىشى دېگەندىمۇ مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە بولغان.

  پات-پات تىرناق ياسىساپ تۇرسا تىرناق دەرۋەقە يۇمشاپ ۋە نېپىزلەپ كېتىدۇ، تىرناقنى ياساشتىن بۇرۇن تىرناق ياساش ئۇستىلىرى تىرناق يۈزىنى قىرىپ سىلىقلايدۇ، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب تىرناق يۈزى تېخىمۇ سىلىق بولىدۇ، تىرناق لاكى قۇرۇغاندىن كېيىن تېخىمۇ مۇستەھكەم يېپىشىدۇ. ئەمما، تىرناق لاكىنى قايتا-قايتا قىرىپ تىرناقنى سىلىقلاش نەتىجىسىدە، تىرناق يۈزىدىكى قوغداش قەۋىتى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىرناق يۇمشاپ نېپىزلەپ كېتىدۇ، ھەمدە تىرناق يۈزىدە دەز پەيدا بولىدۇ، ھەتتا تىرناق بىر نېمىگە تېگىپ كەتسىلا سۇنۇپ كىتىدۇ، ئىغىر بولغاندا تىرناق ئېرىقچىسى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرناق ياساش ئەسۋابلىرىدا زەمبۇرۇغ بار بولۇشى مومكىن، شۇنداق ئەھۋالدا تىرناق ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.

  ھەممە ئادەم گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، ئەمما پات-پات تىرناق ياسىسا يەنىلا سالامەتلىكىمىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ