مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ: خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

2019.11.08 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگونىڭ سالاپىتى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش سەۋىيەسى ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش نەتىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، بۇ قېتىمقى خەلقئارا ھەربىي تەنتەربىيە كاتتا يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات تەشەببۇسىنى جاكارلىدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەشكىلىي كومىتېت ۋە ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى بۇ ئىشنى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىمۇ قىزغىن قاتنىشىپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، ھەربىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالاقىدار تەرەپلەر خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، زېھىن ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 18- ئۆكتەبىردىن 27 - ئۆكتەبىرگىچە ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، 109 دۆلەتتىن كەلگەن 9300 دىن ئارتۇق ئارمىيە تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى. تەنھەرىكەت يىغىنىدا 27 چوڭ تۈر ۋە 329 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەنھەرىكەتچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، يەتتە تۈردە دۇنيا رېكورتىنى، 85 تۈردە خەلقئارا ھەربىي تەنتەربىيە رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 133 ئالتۇن مېدال، 64 كۈمۈش مېدال، 42 مىس مېدال ئېلىپ، ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە ۋە مېدال تىزىملىكىنىڭ سانىدا 1- ئورۇندا تۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا نەتىجە جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ