شى جىنپىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2019.11.11 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  ■ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى ھەم كۈچى. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆتنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئۇرۇش قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، قانۇن-ئىنتىزامى قاتتىق، كەيپىياتى دۇرۇس بولغان ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئاساس ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  ■ ئاساسىي قاتلام ___ قىسىمنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. پارتىيەمىز ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئارمىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەيلى ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ماددىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  ■ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە ئىشەنچ نەزىرى، ھۇزۇرلىنىش نەزىرى، تەرەققىيات نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، جەڭگىۋار ئەترەت ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش كالتىكىنى ئاساسىي قاتلامدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جەڭگىۋارلىق بىلەن تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بويىچە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك؛ ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بېسىمىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك» ۋە ناتوغرا ئسىتىلنى چوڭقۇر تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى پاك-پاكىز قىلىش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى يىغىنى 8-نويابىردىن 10-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى ھەم كۈچى. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆتنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئۇرۇش قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، قانۇن-ئىنتىزامى قاتتىق، كەيپىياتى دۇرۇس بولغان ئاساسىي قاتلام بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  8-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ مەخسۇس بىر قىسىمىدا پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ-ۋەزىپىلەرنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيە ئارمىيەمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام ___ قىسىمنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. پارتىيەمىز ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئارمىيەمىزنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش، ئاساسىي قاتلامنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ ماددىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ