مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ

2019.11.08 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مىيوپىيە كېسىلى (يىراقنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك كېسىلى)گە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى 7- چېسلا «بېيجىڭ شەھىرىدىكى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئون تەدبىرى» ۋە يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئىشلىتىشى، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلىشى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى دېگەندەك جەھەتلەردىكى ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتتى.

  بۇ تەدبىرنى بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق 10 تارماق بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشى قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان بولدى. بۇ تەدبىردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي يان تېلېفون ۋە تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر دېگەندەك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشىنى مەنئى قىلىش، مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى بىر تۇتاش ساقلاش؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرغان ۋاقتى ئوقۇتۇش ئومۇمىي ۋاقتىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ سەككىز ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىش؛ بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئېلېكترونلۇق ئېكرانغا قاراش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش جەھەتتە، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەندى؛ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- ۋە 2- يىللىقلىرىدا ئوقۇۋاتقانلارغا يازما ئائىلە تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرۇش قەتئىي مەنئى قىلىندى؛ بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا قاتتىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنكى ئۇخلاش ۋاقتى 10 سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توققۇز سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەككىز سائەتتىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەكلىكى بېكىتىلدى.

  تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، تەدبىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىنى ۋە تەنەپپۇس ئارىلىقىنى ئىگىلىۋېلىشنى قەتئىي چەكلەش، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋاقتى ھەر كۈنى بىر سائەتتىن تۆۋەن قىلماسلىق؛ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ نورمال ئەھۋالدا، ھەر كۈنى ئۆيلىرىگە قايتىدىغان يەسلى بالىلىرىنىڭ سىرتتا پائالىيەت قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن كەم بولماسلىق، ياتاقلىق يەسلىدىكى بالىلارنىڭ سىرتتا پائالىيەت قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى ئۈچ سائەتتىن كەم بولماسلىق كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتى بىر سائەتتىن كەم بولماسلىق كېرەكلىكى بېكىتىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر تەدبىردە يەنە ئاتا-ئانىلارغىمۇ مەخسۇس تەلەپ قويۇلدى. بۇنىڭدا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرىنى، بولۇپمۇ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلىرىنى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق ۋە ئۆلچەملىك ئىشلىتىشكە قائىدە بويىچە يېتەكلىشى كېرەكلىكى؛ بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، بالىلارنىڭ كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكى؛ بالىلارنى ھەر كۈنى سىرتتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكلەپ، بالىلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق تەتىللىك تەنتەربىيە تاپشۇرۇقلىرىنى تاماملىشىغا ھەمراھ بولۇشى ياكى ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكى بېكىتىلدى.

  بۇ تەدبىرنىڭ مەزمۇنىدا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات ۋە دەم ئېلىشىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەكتەپلەرنىڭ سەھىيە ساغلاملىق تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ كۈندىلىك كۆزىتىلىشىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىغا كۈندىلىك ئارىلىشىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، باھالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەرمۇ بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ