لى كېچياڭ تايلاند زۇڭلىسى بايۈ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگو-تايلاند ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «جۇڭگو-تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى»نى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرايلى

2019.11.07 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ باڭكوك زۇڭلى مەھكىمىسىدە تايلاند زۇڭلىسى بايۈ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ تايلاند تەرەپنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى بويىچە رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنىنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-تايلاند يېقىن دوست قوشنا دۆلەت، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ كەلدى. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ مەلىكە سىرىندورنغا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىپ، جۇڭگو-تايلاند ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تايلاند تەرەپ بىلەن سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تايلاند ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ