شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.11.07 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 6- كۈنى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن ئىككىمىز شاڭخەيدە 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق، بىز سۆزىمىزدە، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغداش ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ھەققىدە پۈتۈن دۇنياغا بىرلىكتە كۈچلۈك سىگنال چىقاردۇق. بىز يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ناھايىتى كۆپ تېمىلار ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر ۋە مول ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا، بىز جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ھەم شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە، دۇنياغا، كەلگۈسىگە ۋە خەلققە يۈزلىنىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، داۋاملىق چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ