خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنى 11–ئاينىڭ 7– كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى. يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى خەلق سىياسىي كېڭىشى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭ ئەندىزىسىدە تۇرۇپ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ «نېمىلىكى»، «نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى» «قانداق قىلىدىغانلىقى» قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ