شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- فىرانسىيە ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2019.11.07 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-نويابىر خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-فرانسىيە ئىقتىساد باشلىقلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەت ۋە خەلققە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىدۇ. فىرانسىيە، ياۋروپا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت. جۇڭگو دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر دۇنياغا ئوچۇق، فىرانسىيە، ياۋروپا دەرۋازىسىنىڭ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغىمۇ ئادىل ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ