مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سېمىزلىكنىڭ توققۇز چوڭ زىيىنىدىن قانچىنى بىلىسىز؟

2019.11.07 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىرىنچى، ئۆمۈرگە بولغان تەسىرى. سېمىزلىك دەرىجىسى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك، سېمىزلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى [BMI= (بوي ئېگىزلىكى ئىككى (مېتىر)/بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام)] 35تىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن %30-%40 ئاشىدۇ.

  پەن تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىك كېسىلى مۆلچەردىكى ئۆمۈرنى 6-7 ياش ئازايتىدىكەن. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە سەمرىپ كېتىپ، BMI سانى 40 تىن ئېشىپ كەتسە، ئەرلەرنىڭ ئۆمرى 20 يىل ئازىيىدىكەن.

  ئىككىنچى، قان بېسىمىغا بولغان تەسىرى. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغاندا، سېمىز كىشىلەردە يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن %50 كۆپ بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، يۈرەككە بولغان تەسىرى. يۇقىرى قان بېسىمنىڭ قايتا قوزغىلىشى ياكى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىغا بولغان بىۋاسىتە تەسىرى. سېمىزلىك سەۋەبىدىن ياغ يۈرەكنىڭ سىرتقى يۈزىگە چاپلىشىپ، يۈرەكنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنىڭ زەئىپلىشىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  تۆتىنچى، مېڭە قان تومۇر كېسىلى. جۇڭگودا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، قان نوكچىسى قېتىش ۋە قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەمدە سېمىزلىك، قاندىكى ماينىڭ نورمالسىزلىقى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، قان كەملىك مېڭە تىقىلمىسى كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئىنتايىن كۆپ يۈز بېرىدۇ.

  بەشىنچى، دىيابېت كېسىلى. سېمىزلىك خۇددى كۆلەڭگىگە ئوخشاش دىيابېت كېسەللىكىگە ھەمراھ بولىدۇ، سېمىز كىشىلەردە دىيابېت كېسىلى يۈز بېرىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. يېڭىدىن دىيابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ 90 پىرسەنتى سېمىز بولۇپ، سېمىز ئەمەسلەر ناھايىتى ئاز. تەتقىقاتل نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 22دىن 23 كىچە بولغاندا، دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەتىرى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ؛ 23تىن 31گىچە بولغاندا، كېسەللىك قوزغىلىش خەتىرى %40كە ئۆزگىرىپ، 10 ھەسسە ئاشىدۇ؛ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 35 بولغاندا، ئاياللارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %93.2 بولىدۇ. شۇڭا دىئابېت كېسىلى بىلەن سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولىدۇ.

  ئالتىنچى، جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە قاندىكى ماي نورمالسىزلىقى. جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە قاندىكى ماينىڭ نورمالسىزلىق نىسبىتى جۇڭگودا ئىنتايىن يۇقىرى، ئەمما كۆپچىلىك ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە جىگەرنى ماي قاپلىغان بىمارلارنىڭ %10ى تەرەققىي قىلىپ ياغلىق جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىپ، جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

  يەتتىنچى، خورەك تارتىش. خورەك تارتىش ئادەتتە توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇيقۇدا نەپەس ئېلىش ۋاقىتلىق توختاش دەپ ئاتىلىدۇ. خورەك تارتىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇ كېسەل سېمىزلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، خەۋپمۇ ناھايىتى ئېغىر. سېمىزلەر ئارىسىدا بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %50تىن %70 كىچە بولىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەردە بولسا %2تىن %4 كىچە بولىدۇ. بەزى سېمىز كىشىلەر كۈندۈزى ئۈگدىگەندە ياكى كەچتە ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، روشەن ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە بەلگىلىك مېڭە زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ، بۇ قىسىم بىمارلاردا يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

  سەككىزىنچى، ئۆسمە. سېمىزلىك بىلەن بەزى ئۆسمىلەر زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئاياللاردا تۇخۇمدان راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، دوۋساق راكى ۋە ئەمچەك راكى بار؛ ئەرلەردە بولسا مەزى بېزى راكى بار. سېمىزلىك بۇ كېسەللىكلەر يۈز بېرىشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سېمىزلىكتىن كېيىن تۈز ئۈچەي راكىنىڭ يۈز بېرىشى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ.

  بۇ راكلارنىڭ ئىچىدە بەزى راكلارنى داۋالاشتا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، مەسىلەن، مەزى بېزى راكى، سۈت بېزى راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكى. لېكىن تۇخۇمدان راكى، دوۋساق راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى قاتارلىق راك بىمارلىرىنىڭ بەش يىلدىن ئارتۇق ياشاش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن.

  توققۇزىنچى، سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بوغۇملىرىمىز بارا-بارا ئاجىزلىشىدۇ، ئېغىر بېسىم شۈبھىسىزكى بوغۇملاردا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېكەر مېتابولىزمى ۋە پۇرىن مېتابولىزمىنىڭ توسقۇنلۇقى قوشۇلۇپ، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى زور دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ