خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 7- نويابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى پاۋلوپولوس، برازىلىيە فېدېراتسىيەسى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بوسونارونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 11- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە گرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ، بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 7- نويابىر جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ما چاۋشۈ ۋە چىن گاڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى، ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ